ئەنگلىيە خانىشى كەيتنىڭ سىڭلىسى كىيىم سېلىش ئۇسۇلى ئوينىدى

0 2013-05-30 10:36:01   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى . ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 27-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە خانىشى كەيتى مىدىلتون (Kate Middleton) نىڭ نەۋرە سىڭلىسى كاترىنا. دارلىڭ (Katrina Darling) ئالدىنقى كۈنى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن «ھاياتلىق ئۇسۇل كىچىلىكى» ئەيدىز كىسىلى ساخاۋەتلىك مودا كىيىم مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى كىچىسى، كاترىنا چوڭ بىر تاج تاقىۋالغان بولۇپ ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىدا ھاياجانلانغان ھالدا كىيىم سېلىش ئۇسۇلى ئوينىدى.

  شۇ كۈنى كىچىسى كاترىنا دارلىڭ ئۇچىسىغا قىزىل ئوتقاشتەك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بىر چاپاننى ئارتىۋالغانىدى ، پۇتىغا بولسا ناھايىتى ئىسىل كۆرۈنىدىغان بىر جۈپ قىزىل ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، قولىغا قىزىل رەڭلىك پەلەي تاقىۋالغان ئىدى.

  بۇ قېتىملىق ساخاۋەتلىك پائالىيەتكە يەنە باشقا بىر قىسىم داڭلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، يەنى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون، داڭلىق شەخىس بولغان ئېلتون جون (Elton John) ۋە ئۇنىڭ ھەمجىنىس «يولدىشى» داۋىد فۇ نېيشى (David Fu Neishi) قاتارلىقلار قاتناشقان ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博