ئامېرىكا جۇڭگودىن ئەندىشە قىلىپ قالدى

0 2013-06-03 11:22:02   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   25-ماي ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 50 يىللقىنى تەبرىكلىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى ۋە جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەدىدىس-ئەبېبە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   1963-يىلى 25-مايدا قۇرۇلغان ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ نامى 2002-يىلى <<ئافرىقا ئىتتىپاقى>> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىدى. دەسلەپتە ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت مۇستەملىكچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدى. 1963-يىلى ئافرىقىدا مۇستەقىل دۆلەتتىن ئاران 30 ى بار ئىدى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا يەنە داۋاملىق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى ھەمدە 50 يىللىق تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە لەشكەن.

   ئافرىقا ئىقتىسادىنى ئېشىشى ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارقان دۆلەتلەر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئېفىيوپىيەنىڭ زۇڭلىسى خەيلېمەريەم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: <<شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى رەئىسى بولغاندىن كېىين ئالدى بىلەن ئافرىقىنى زىيارەت قىلىدى، بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى>>.

  خەيلېمەر يەم باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا زور مەبلەغ سالغانلىقى ۋە ئافرىقىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ دۆلەت كاتىپى كېررىنى ئېفىيوپىيەگە ئېۋەتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كېررى ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومېتېتىدا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشى كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەنىدى: <<ھەزىر جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى ئامېرىكىنىڭ سالغان مەبلىغىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ>>.

  گەرچە جۇڭگو دىققەت ئېتىبارنى ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە رىقابەتلەشمەيدىغان بىر قىسىم تەبىئىي بايلىق ساھەسىگە ئاغدۇرۇۋاتقان بولىسىمۇ، لېكىن كېررى يەنىلا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ھەرىكىتى ئامېرىكىغا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىپ قويارمۇ؟ دېگەن ئەندىشىدە بولماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博