ئافغانىستاندىكى بالا ئىشچىلار « بالىلار بايرىمىنى ئۇنتۇپ قالدى »

0 2013-06-03 11:10:33   xinhuanet.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا ئاگېنىتلىقى يەر شارى تورىدىن ئېلىنغان خەۋىرى : ئامېرىكىلىق داڭلىق فوتوگراف Steve Mccurry مەلۇم بىر تور بېكەتتە ئافغانىستاندىكى بالا ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 158 مىليون 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالا ئىشچى بار ئىكەن . بۇ سان ھەر بىر 6 بالنىڭ ئىچىدە بىرى بالا ئىشچى بولىدىكەن . مۇشۇ مىليونغا يېقىن بالا نامراتلىق ئىچىدە يەيدىغان نان يوق ئامالسىز ئىشچى بولۇپ ئىشلەپ قۇرسىقىنى توقلايدىكەن . مەسىلەن : كان رايۇنىدا ، ئېتىزلىقتىكى دورا سېپىلگەن جايدا ۋە ياكى خەتەرلىك ماشىنىلار بار جايلاردا ئىشلەيدىكەن .

   بالا ئىشچىلار ھەممە يەردە بار بىراق بەزى ئادەملەر بۇ بالىلارنى قوغداش ھەم ئاسراش تۈگۈل ئۇلارنى ئىغېر ئىشقا سېلىپ ، ھالسىرتىپ قويدى . تۈۋەندىكى سۈرەتلەر فوتوگراف Steve Mccurry ئافغانسىتاندا تارتقان سۈرەتلەر بولۇپ ، قارىماققا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ .

  بۈگۈن بالىلار بايرىمى ، ئەتراپىمىزدىكى ئاتا - ئانىلار ئوماق بالىلارنى ئېلىپ ، باغچىغا ئېلىپ بارىدۇ ، ھەر خىل ئۇيۇنچۇقلارنى ۋە ھەر خىل ئېسىل كىيىملەرنى بالىلارغا سوۋغا قىلىدۇ ، سىز دەل ئاشۇ مىنۇتتا ، يېقىنلا جايدا نامراتلىقتىن ئۇچىسىغا كىيىم ئەمەس ، ھەتتا بىر ۋاق تاماقنىڭ ئورنىغا نان يەۋەتكەن مىسكىن ئاشۇ بالىلار ئىسىڭىزگە كىلەمدۇ ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، بالىڭىزغا خەجلىگەن پۇلنىڭ بىر قسىمىنى ئاشۇ مىسكىن بالىلارغا تەڭلىگەن بولسىڭىز ، ئۇ بالا ئۈچۈن بۈگۈن بايرام ھەم ھېيت خوشاللىقىغا چۆمگەن بولاتتى . توغرا بالا ئەڭ تاتلىق ، لېكىن ئاشۇ مىسكىنلارگە ساخاۋەتلىك قۇلىمىزنىڭ سۇنساق ، ئوماق بالىمىز بىزدىن سۈيۈنگەن ، ھەمدە بىزنىڭ تېخىمۇ ھۆرمەتلىگەن بولاتتى . چۈنكى ئاتا - ئانا بالىغا ئۈلگە ۋە ئوقۇتقۇچى ، سىزنىڭ ھەر بىر ساخاۋىتىڭىز ، مىسكىن بالىنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتىپ قالماي يەنە ، يېنىڭىزدا تۇرغان ئوماق بالىڭىزنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتىدۇ . ئىللىغان يۈرەكتە مىھىر بار، مۇھەببەت بار . پۈتۈن دۇنيا مۇھەببەتكە تولسۇن دوستۇم !

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博