لىۋىيە خەلقئارا سوتتىن كازافىنىڭ ئوغلى سەيىفنى سوتلاشنى تەلەپ قىلدى

0 2013-06-04 10:06:29   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەلق تورى خەۋىرى :

   جۇڭگوئاخبارات تورى 3- ئىيون تېلگراممىسى . چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى مۇنداق بىلدۈرگەن: مەزكۇر دۆلەت قارارىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن كازافىنىڭ ئوغلى سەيىف ئەل ئىسلامنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
   لىۋىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى سالاھ ئەل مەرگانى بىلەن لىۋىيەنىڭ زۇڭلىسى ئەلى زېيدان بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار 5- ئاينىڭ 31- كۈنى ماقۇللانغان، ئەرز بەش كۈن ئىچىدە سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىكەن، نۆۋەتتە لىۋىيە ۋە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەرز قىلىش لايىھەسىنى تەييارلىماقتا.
   لىۋىيە تەرەپ سەيىفنىڭ 2011- يىلى لىۋىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنغان، 5- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇنى قايتۇرۇۋەتكەن. سوت مەھكىمىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيە تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى تەكشۈرۈلگەن دەلىل- ئىسپاتلارنى يېتەرلىك تەمىنلىمىگەن.
   ئىگىلىنىشچە، سەئىف 2011- يىلى 11- ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىر لىۋىيەنىڭ زىنتان دېگەن يېرىدە قاماقلىق ئىكەن، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ياخشى دىيىلگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博