لىۋىيەنىڭ زۇڭلىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى تۇتقۇن قىلىنغان بۇلۇپ ئۈلۈك-تېرىكلىكى نامەلۇم ئىكەن

0 2013-04-03 09:45:48   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  لىۋىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇڭلى ئالى زايىدەننىڭ مەسلىھەتچىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە سالاھىيىتى نامەلۇم قۇراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

   زايىدەن ئىشخانىسىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى مۇھەممەد ئالى جاتىسنىڭ 50 نەچچە ياش ئىكەنلىكىنى، زايىدەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەنلىكىنى، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە ماشىنا ھەيدەپ پايتەخىت دىلبورىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر ئەتراپى رايۇنى تاجۇرا رايۇنىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كىيىن سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان قۇراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

  بۇ ئەمەلدار : " ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بەلكىم يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىگەن بۇلىشى مومكىن، ئۇلار ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتمىگەن." دېدى. بۇ ئەمەلدارنىڭ گىپىگە ئاساسلانغاندا، جاتىس ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيىدىكىلەر بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلاشقان ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن لىۋىيە دائىرلىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.

  كارزافىي ھۆكۈمىتى تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن لىۋىيە دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقۇملۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇلۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى خەلىق قۇراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇيۇق ئورماندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى، قۇرالنىڭ خەلىق ئارىسىغا تارقىلىشى، بۇلاڭچلىق، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى قاتارلىقلار يېڭى ھۆكۈمەت ھەل قىلىشقا تىگىشلىك قىيىن مەسىلىلەر ئىكەن. لىۋىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، 5 نەپەر ئەنگىلىيەلىك ئالدىنقى ھەپتە لىۋىيەدىن غەززا رايۇنىغا بېرىش سەپىرىدە شەرقىي قىسمدىكى شەھەر بەنجاشتا قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم جىنسىي دەخلىي-تەرۇزغا ئۇچىرىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博