ۋاستىچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋاستە پۇلنى بەرمىدى دەپ ئۆي سېتىۋالغان كىشىلەرنى قاتتىق ئۇرغان

02013-04-02 09:38:42   news.163.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   3-ئاينىڭ 31-كۈنى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى جوۋ ئەپەندىم تارقىتىش ۋاستىلىرىغا، " 21-چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا ئۆيىگە 40-50 ئەتراپىدىكى يولۋاستەك كىشىلەرنىڭ قۇلىغا پۇلات تۇرىبا، تاۋۇز پىچىقى ئېلىپ كېلىپ ئۆيىدىكى 4 كىشىنى قاتتىق ئۇرۇپ كېسىپ يارلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. دوسلىرى ئىچىدىمۇ بەزىلىرى يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندا بۇنداق ئىشقا ئۇچىراپ دوختۇخانىغا كىرىپ 7 -8 يىپلىق قىلىپ تىكۈزگەن. ئۆيىدىكى كومپيۇتېر، تېلۋۇزۇر ۋە ئىستاكان ۋە باشقا ئۆي سايمانلىرى ئۇرۇپ چېقىلغان.

جوۋ فامىللىك ئەپەندىم قاتتىق تاياق يىگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىقى باش قىسىمى يارلانغان ۋە قوللىرىنىڭ بىر قانچە جايلىرى كېسىلگەن.

  بۇ بىر توپ لۈكچەكسىمان كىشىلەر بۇلارنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئۆي ئالغان چاغدىكى ۋاستىچىلىك پۇلىنى تەلەپ قىلغان. جوۋ فامىللىك بۇ ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرغا دەپ بىرىشىچە ئۇلار ئۆينى سېتىۋالغىلى ئاران نەچچە كۈن بولغان بۇلۇپ، ئۇلارغا بىر دوستى تۇنۇشتۇرغان ئىكەن، بۇ ئۆينى ئېلىش جەريانىدا ھىچقانداق ۋاستىچىنى ئىزدىمىگەن بۇلۇپ ئۆي ساتقۇچى تەرەپ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن ئىكەن.

 جوۋ فامىللىك ئەرنىڭ ئايالى بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن گاۋ فامىللىك ئەپەندىمنىڭ ئوغىلى تېلفۇن قىلىپ ئۇلارغا ھەيۋە سېلىپ "ئۆينى بىز تۇنۇشتۇرغان، سىلەر چۇقۇم تۇنۇشتۇرۇش ھەققى تۆلىشىڭىلار كېرەك، ئەگەر بەرمىسەڭلا ئۆيىڭلارنى ئۇرۇپ چېقىۋىتىمىز دېگەن " ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۇلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن قورقۇپ نەچچە قاپ تاماكا سېتىۋېلىپ ئۇلارغا بەرگەن ئىكەن.

 

جوۋ فامىللىك ئەرنىڭ قوشنىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر توپ كەلگەن كىشىلەر ھىچ قانداق گەپ قىلماي بۇلارنى قاتتق ئۇرۇپ كەتكەن.

  ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، گاۋ فامىللىك بۇ ئەر ھەقىقەتەر ۋاستىچىلىك خىزمىتىنى قىلىدىغان بۇلۇپ ئەتراپنى چارلاپ كىم ئۆي سېتىۋالسا پۇل تېپىش ئۈچۈن قول تىقىپ باقىدىكەن. لېكىن بۇ قېتىملىق جوۋ فامىللىك ئەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىشىدا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن باشقا ۋاستىچىلىق قىلغان ئىسپاتى يوق بۇلۇپ، ۋاستىچىلىق قىلىش كىنىشكىسىمۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغىلى بولسا كۇچىدا بىر توپ كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدىغان لۈكچەك ئىكەن.