شىنخۇا ئاگېنىتلىقى تېرپولى 12- مارت تېلگراممىسى . لىۋىيە سەھىيە نازارىتى 11- مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى :' لىۋىيە پايتەختى تېرپولىدا ھاراقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، شەخسىي ياسىغان سۈپىتى ناچار ساختا ھاراقنى ئىچىپ 51 ئادەم ئۆلگەن ، 378 ئادەم زھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان .
لىۋىيە سەھىيە نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىدا ، 10- مارت كەچ بىر قىسىم ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەن بىمارلار تېرپولىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان . شۇ كۈنى كەچ 4 ئادەم قازا قىلغان . 11- مارت قازا قىلغان ئادەم سانى 51 گە يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە 38 ئادەم تېرپولى دوختۇرخانىسىدا قازا قىلغان . 13 ئادەم خوشنا دۆلەت تۇنىسقا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا قازا قىلغان . ھازىر كۆپ قىسىم بىمارلار تېرپولىدىكى شەھەر مەركىزىدىكى زاۋىيا دوختۇرخانىسدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلماقتا .
باياناتتا يەنە ، بۇ قېتىمقى سۈپەتسىز ھاراق ياساش شايكىسى سانائەتتە ئىشلىتىلغان مېتىل ئېسپىرتى ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ھاراق ياساپ ساتقان بولۇپ ، بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ قېتىمقى سۈپەتسىز ھاراق ياساش ۋەقەسىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرمەكتە .
لىۋىيە مۇسۇلمان دۆلەت ، شۇڭا بۇ دۆلەتتە ھاراق ئىچىش چەكلەنگەن . ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيە ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ ، بىراق جەمئىيەت تەرتىۋىنى باشقۇرۇش يامانلاشقان ، شۇڭا ياشلار ھاراققا ۋە چىكىملىككە بېرىلىپ كەتكەن . چېگرا مۇداپىئەسىمۇ بوشاپ كەتكەن ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇنىس ، مىسىر ، مارتا ، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قانۇنسىز ھاراق سودىگەرلىرى سۈپەتسىز ھاراقنى لىۋىيەگە ئېلىپ كىرگەن . لىۋىيەدە ساختا ھاراق ئىچىپ ئۆلۈش ۋە زەھەرلىنىش ئەھۋالى بۇ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ھادىسە ھىسابلىنىدۇ .