لىۋىيە كازافىي زامانىسىدىكى دۆلەت نامىنى بىكار قىلدى

874 2013-01-11 10:14:10   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە پارلامىنتى يېقىندا كازافىي زامانىسىدا ئىشلىتىلگەن دۆلەت نامى بولغان «بۈيۈك ئەرەب لىۋىيە خەلق سوتسىيالىستىك ئاۋام جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نامنى ئىشلەتمەسلىكنى رەسمى قارار قىلدى.خەۋەر قىلىنىشىچە، پارلامىنت ئەزالىرى «لىۋىيە» (State of Libya) دېگەن نامنى بۇندىن كىيىن دۆلەت نامى قىلىپ بىكىتىپ چىققان، ئاساسى قانۇندا بەلگىلىنىشتىن بۇرۇن مۇشۇ نامنى قوللىنىدىكەن. پارلامىنت رەھبىرى قاتلىمىنىڭ ئاشكارلىشىچە:« يۇقارقى قارارنى ماقۇللاشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش، چۈنكى بۇ ھۆججەتلەر يەنىلا بۇرۇنقى دۆلەت نامىنى قوللىنىۋاتىدۇ.»ئىگىلىنىشىچە، لىۋىيە 1977-يىلى 3-ئايدا دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىپ «بۈيۈك ئەرەب لىۋىيە خەلق سوتسىيالىستىك ئاۋام جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىغان، شۇ يىلى كازافىي «كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى» ئېلان قىلىپ، «قۇرئان» نى لىۋىيەنىڭ قانۇن ئاساسى قىلىپ تىكلىگەن ۋە شۇنداقلا جاكارلاپ دۆلەتنىڭ «خەلق بىۋاستە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالغان ئاۋام ھاكىمىيىتى مەزگىلىگە كىردى» دەپ ئۇقتۇرغان.لىۋىيەدە 2011-يىلى 2-ئايدا چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتلىدى. ب د ت شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ش ئا ئە ت غا ھوقۇق بېرىپ لىۋىيەگە قارىتا قۇراللىق ھوجۇم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博