كاززافىنىڭ 700 مىليون دوللارلىق ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى

0 2013-04-01 11:08:38   سوخۇ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا لىۋىيە ئىنقىلابقا دۇچ كەلدى . ئوتتۇرا دېڭىز پاراخوتچىلىق (سۇ تىرانسپورتى) شىركىتى (MSC) شۇئان ئۇنى سېتىۋېلىپ ، بۇ پوچتا پاراخوتىنىڭ چالىسىنى ياساپ پۈتكۈزۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېڭى سەپىرىنى باشلاتتى . ئاۋسترالىيە ‹‹ سىدنېي باشلامچى سەھەر گېزىتى ›› يېقىندا بۇ ھەشەمەتلىك پاراخوتقا ئائىت سۈرەت ۋە خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىدى .
 
   MSC يېقىندا ئىتالىيەدە ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) غا تەييارلانغان پاراخوتتىن ئۆزگەرتىلگەن كاتتا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان پوچتا پاراخوتىنى ئاشكارىلىدى . ئىگىلىنىشىچە، كاززافىنىڭ ئوغلى خاننىبال 2011-يىلى (لىۋىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇن) پوچتا پاراخوتچىلىق سانائىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم 1751 ئېغىز خانىسى بار ، 600 مىليون 970 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بۇ كاتتا پوچتا پاراخوتىنى ياساشقا تەيىنلەنگەن .
 
   دۇنيادىكى ئەرەب شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى بۇ تۇنجى پوچتا پاراخوتى ئەسلىدە 2012-يىلى دېكابىردا ترىپولىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى . بىراق ئۇ ترىپولىغا بارالماستىن ، ئەكسىچە يېقىندا Sophia Loren تەرىپىدىن ‹‹ئەتىۋار›› دەپ ئىسىم قويۇلغاندىن كېيىن ، ئانا پورت ـــ Genoa تىن چىقىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قىسقا مۇساپىلىك بىر يۈرۈش سەپىرىنى باشلىغان .
  
   4345 نەپەر پۇلدار يولۇچى ئولتۇرغان بۇ پوچتا پاراخوتى ئىلگىرى ناپلېس ، بارسېلونا، مارسېللارغىچە چارلاپ بارغان. پاراخوتتا جەمئىي تۆت سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ، 26 لىفىت ، بىر دومىلىما توپ مەيدانى ۋە 21 قاۋاق بار ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاراخوتتا يەنە 69 ئېغىز ئۆزگىچە ‹‹سەيلە كېمىسى كۇلۇب يۈرۈشلۈك ئۆيى ›› ، سۇ كۈچى ئۇۋۇلاش كۆلچىكى ۋە ئەينەك پەردە تاملىق مەنزىرىلىك ئارام ئېلىش كارىدورى بار ئىكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، پاراخوتتا سىگارت ، دېڭىز ئۈستى ئىتالىيەچە تائاملىرى ، ئەنئەنىۋى ئەنگىلىيەچە چۈشتىن كېيىنلىك چايدىن تارتىپ خۇسۇسىي يىغىلىشقىچە بولغان غوجىدارلىق مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىنىدىكەن . غوجىدارلار جەمئىيىتى ساياھەتچىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 333 مېتىر كېلىدىغان بۇ پاراخوتتا ، يولۇچىلار يەنە سۇ ئۈستى خەتەرلىك تەنھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن ۋە MSC تەمىنلىگەن ئالاھىدە ئۇزۇن سۇدا سىيرىلغۇچنى سىناپ باقالايدىكەن .
  
   MSC نى مىليونېر Gianluihi Aponte قۇرغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاراخوت شىركىتى ھېسابلىنىدۇ .
 
  
  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博