ئۆي ئىگىسى ئۆيگە ئوت قويدى

02013-06-04 10:23:51   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا ئاگېتلىقى خەۋىرى :2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە دۇڭۋەن شەھىرى چاڭەن ۋۇ مەھەلىسى 177-نۇمۇرلۇق ھاراق تاماكا دۇكىنىغا ئوت كېتىپ 4ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .بۇلارنىڭ ئىچىدە 8ياش ۋە 5ياشلىق بالىلارمۇ بار ئىكەن .

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ،ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى دۇكاندا دۇكان ئىگىسى چېن خەن چۈەن ۋە ئايالى جاۋ شۆيا ھەمدە ئۇلارنىڭ 8ياش ۋە 5ياشلىق ئىككى ئوغلى ،ۋە چېن خەن چۈەننىڭ ئىنىسى چېن خەن تەن قاتارلىق 5ئادەم بار ئىدى .

   شۇ كۈنى كەچتە چېن خەن چۈەن بىرىنىڭ ئىشىكنى چەككەنلىكىنى ئاڭلاپ <كىم >دىگەندە ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغان ھەمدە بىنزىننىڭ ئېقىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ،ئۇ ئاچقۇچنى ئىزدەپ ئىشىكنى ئاشقاندا چېنخەن تەن يەڭگىسى ۋە ئىككى جىيەنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان ئەمما ئوت ئاللىقاچان يەڭگىسى ۋە ئىككى بالىنى ئىسكەنجىسىگە ئالغان بۇلۇپ چېنخەن تەنمۇ ئوت ئىچىدە ھالەك بولغان ،بەخىتكە يارىشا چېن خەن چۈەن ھايات قالغان .

   دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا شۈەن فامىلىلىك ئەر-ئايال چېن خەن چۈەن بىلەن <ئۆي ئىجارىگە بېرىش >توختامى تۈزگەن بۇلۇپ شۈەن فامىلىلىك ئەر -ئايال بىنانى چېقىپ باشقىدىن سالماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن چېن خەن چۈەندىن دۇكاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ،چېنخەنچۈەن توختام ۋاقتى توشمىدى دەپ ئۆينى قايتۇرمىغان .شۇ سەۋەپتىن ئۆي ئىگىسى دۇكانغا ئوت قۇيۋاتقان .