بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك MHK ئىمتىھانى يولغا قويۇلۇپ، HSK ئىمتىھانى توختىتىلدى.

0 2013-06-04 10:21:59   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش دەرىجە ئىمتىھانى (MHK) ئىككىنچى تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاناتىلى خەنزۇتىلى بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگۈچىلىرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان، مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىمتىھاندۇر.

 

ئاپتونوم رايونىمىز 2011-يىلى <<قوش رېلىسلىق تۈزۈم>> نى قوللىنىپ، MHK ئىمتىھانىنى يولغا قويۇپ، 2012-يىلى ئومۇملاشتۇرۇغان ۋە شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا HSK ئىمتىھانىنىڭ ئورنىغا MHK ئىمتىھانىنى دەسسەتكەن. بۇ يىلى MHK ئىمتىھانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، HSK ئىمتىھانى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلغان.

ئۆتكۈچى مەزگىلىدىكى جۇڭگو خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى (HSK) نىڭ نەتىجىسى ئوخشاشلا ئىناۋەتلىك بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博