9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 360 شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى يانفون بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى بولغان 360 يانفون قوغدىغۇچىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتكىنىنى ئېلان قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 360 يانفون قوغدىغۇچىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %71.7تىن يۇقىرى بولۇپ، يانفون بىخەتەرلىك بازىرىغا قوماندانلىق قىلغان.
نۆۋەتتە، يانفون بىخەتەرلىك مەسىلىسى ساھە ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. 360 ئالاقە تورى بىخەتەرلىك مەركىزى ئېلان قىلغان« 2013-يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق جۇڭگو يانفون بىخەتەرلىك ئەھۋالى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 2500 ۋىرۇس كۆپىيىپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسى مەخپىيەتلىككە دەخلى قىلىش خاراكتېردىكى ۋىرۇس %90تىن ئېشىپ كېتىپ، بۇنڭدىن زىيانكەشلىككە
ئۇچۇرغۇچىلار 480 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، كېرەكسىز قىسقا
ئۇچۇر، يالغان قىسقا
ئۇچۇرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، شۇنداقلا يامان سۈپەتلىك تور بەتلىرى، يامان سۈپەتلىك ئىككى ئۆلچەملىك نومۇر قاتارلىق يېڭى تىپتىكى كۆچمە تەھدىتنىڭ پەيدا بولۇشى، يانفون بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، يانفون بىخەتەرلىكى تەدرىجىي يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇھىم بولغان ئېھتىياجىغا ئايلانغان.
360 يانفون قوغدىغۇچىسى 3 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئىچىدە، باشتىن ئاخىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتىلغان. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان پاراكەندىچىلىكنى توسۇش جەھەتتە، 360 يانفون قوغدىغۇچىسى تۇنجى بولۇپ كېرەكسىز قىسقا
ئۇچۇر، پاراكەندىلىك تېلېفوننى چەكلەش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرا قويۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى بىرتەرەپ قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. نۆۋەتتە 360 يانفون قوغدىغۇچىسىنى سەپلەش پاراكەندىچىلىك
ئۇچۇرنى توسۇشتىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئامالغا ئايلانغان.
بۇنىڭدىن باشقا، يانفون يىتىپ كېتىشكە نىسبەتتە، 360 يانفون قوغدىغۇچىسى يەنە زور كۈچ سەرپ قىلىپ يانفوننىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا، ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلاش، يانفوننى قۇلۇپلاپ رەسىم تارتىش قاتارلىق ئىقتىدار ساقچى تەرەپنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش ۋە يانفوننى تېپىشقا ھالقىلىق
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىندا، 360 يانفون قوغدىغۇچىسى مال مۈلۈك كېپىللىك سۇغۇرتىسى بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى «يانفون ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش سۇغۇرتىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تىرىشچانلىقلار 360 يانفون قوغدىغۇچىسى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش تۇنجى مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، %50تىن يۇقىرى 360 يانفون قوغدىغۇچىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 360 يانفون قوغدىغۇچىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر 400 مىليوندىن ئېشىپ، بۇ يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 360قا نىسبەتتە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ