يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25- سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق مۇخبىر ترېۋور مەكدونالد يېقىندا ئامېرىكىنىڭ روكۋىللې شەھىرىدىكى تۈرمە ۋە ئىندىئانا شىتاتىدىكى ئاياللار تۈرمىسىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرمىدىكى ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئىگىلىگەن.
مۇخبىر ترېۋور مەكدونالد ئامېرىكىنىڭ روكۋىللې شەھىرىدىكى تۈرمە ۋە ئىندىئانا شىتاتىدىكى ئاياللار تۈرمىسىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، نۇرغۇن ئايال مەھبۇسلارنىڭ جىنايەت كەچۈرمىشى ۋە تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى بوۋاق ئۆلتۈرگەن، بەزىلىرى كۆپ قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى سادىر قىلغان ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئايال مەھبۇسلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا جىنايەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى تولىمۇ ئوسال بولۇپ، گۇندىپايلار بىلەن مەھبۇسلار ھەتتا مەھبۇسلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، بەزى مەھبۇسلار ھەتتا تۈرمىدە بالا تۇغۇشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
زىيارەتتىن كېيىن، مەكدونالد ئايال مەھبۇسلارنىڭ قىسمىتىگە تولىمۇ ھېسداشلىق قىلغان، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تۈرمىگە بېرىپ، بۇنداق زىيارەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بان كىمون « سۇرىيە كىرىزىسى دۇنيا تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە...
قاناس مەنزىرە رايونى ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيەلىك ب...
24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قالايمىقان ماشىنا توختاتقۇچى...
نىكاھسىز ھامىلدار بۇلۇپ قالغان قىز توردىكى قىزىق نۇقتا بۇل...
ئەنگلىيەدە توردىن سېتىۋالغان خۇرۇم سافا بىر ئەرنى تېرە كېسى...