جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 24-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان جۇڭگولۇق بايلار تەلىپى بويىچە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ ياللاپ ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇشى يېڭى بىر خىل كەسىپ بولۇپ شەكىللەنمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئورگىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلدە بالىلىق بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى بىر كەسىپ ئاچقان بولۇپ، جۇڭگولۇق بايلارنىڭ بىر قىسىمى بالىلىق بولالماسلىق، بەزىلىرى بولسا بالىلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسىلىق سالاھىتىدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش سەۋەبى بىلەن ئامېرىكا ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكىلىق ئاياللارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بەرگۈچى قىلىپ تاللىماقتا.
گەرچە ھازىر زادى قانچىلىق جۇڭگولۇقنىڭ ئامېرىكا ئاياللىرىنى ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇپ بەرگۈچى قىلىپ تاللىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سانلىق-مەلۇمات بولمىسىمۇ، بىراق ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپى بارغانسىرى ئېشىپ بارغان.
ئامېرىكا تۇغۇت دوختۇرخانىسى ۋە ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئورگىنى ئاقىمۇ-ئاقىدىن خەنزۇچە تور بېكەتلىرىنى ئېچىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە كەڭ كۆلەمدە خەنزۇچە بىلىدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. مەركىزى ئورگىنى بوستونغا جايلاشقان مەلۇم بىر ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋىل تېرمەن (Will Terman) مۇنداق دېدى، ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە بىزنىڭ مەركىزىمىز جەمئىي ئالتە جۇڭگولۇق ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش كەسپىنى بىجىردى، يېقىندىن بۇيان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىھتىياجى بارغانسىرى ئاشماقتا.
سىتاستىكا قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئورگان بىر يىلدا 140 قېتىم ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش كەسپىنى بېجىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %65 تىن ئارتۇق خېرىدار چەتئەللىكلەر ئىكەن. مەزكۇر ئورگان ھازىر يەنە كالفورنىيە شىتاتىدا تارماق ئورگان تەسسىس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى خېرىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق شارائىت ھازىرلىماقچى ئىكەن. ۋىل تېرمەننىڭ دېيىشىچە، ئۇلار كېلەر يىلى شاڭخەيدە ۋاكالەتچى شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندىكىلىرى ئامېرىكا پۇقراسىلىق سالاھىيەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال خېلى بۇرۇنلا ئومۇملىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىدا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا گەرەژدانىلىق سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق ھامىلدار ئاياللارنىڭ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يولنى بېسىپ ئامېرىكىغا كېلىپ بالا تۇغۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى.
ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن مەبلەغ سالغانغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا ۋاكالىتەن ھامىلدار بولغۇچىنى ئىزدەشكە كېتىدىغان پۇل ئازراق بولىدۇ. تونۇشتۇرغۇچى شىركەتلەر ئامېرىكىلىق ئاياللارنىڭ ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش كەسپى ئۈچۈن تەلەپ قىلىدىغان ھەققى ئاساسەن 120 مىڭ دوللاردىن 200 مىڭ دوللارغىچە بولۇپ، بىر نەپەر تونۇشتۇرغۇچى خادىم مۇنداق دېدى:«ئايروپىلان بېلىتى ۋە باشقا چىقىملارنى ھېسابلىغاندا، ئاساسەن 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئىككى بالىلىق بولغىلى بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن بولسا پۈتۈن ئائىلىسى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلسە بولىدۇ.» بىراق 300 مىڭ دوللار يەنىلا جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن يۇقىرى باھا بولۇپ، بۇ كەسىپنىڭ پەقەت جۇڭگو بايلىرىغىلا ماس كېلىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.
ئامېرىكا ئاياللىرى جۇڭگو بايلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار ...
قۇمۇلدا قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن يوللاردا ۋاقىتلىق قاتناش ت...
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لار ئېنىقلاپ چىقىلد...
iOS 7 سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچ...
مېكسىكىدا 2 نەپەر قاتىل بىر ئائىلە زىياپىتىگە باستۇرۇپ كىرى...
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاڭفېي بىلەن لىياپ...
بوستوندىكى پارتىلىتىش ۋەقەسى گۇماندارى جەۋھەر ئۆلۈمگە ھۈكۈ...
ئېراق پايتەختى باغداتتا يەنە پارتىلىتىش يۈز بىرىپ 20 ئادەم ...