ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاڭفېي بىلەن لىياپىڭغا ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرمىگەنلىكىنى ئاشكارلىدى

02013-09-24 15:28:31   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    تۈنۈگۈن ئاخبارات خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئۇلارنىڭ ۋاڭفېي بىلەن لىياپىڭغا ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرمىگەنلىكىنى بىلدى، يەنى بۇ يەردىكىلەر ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرمىگەنلىكىنى دېدى. مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاڭفېي بىلەن لىياپىڭ مىكرو بىلۇگ ئارقىلىق رەسمى ئاجراشقانلىقىنى ئاشكارلىغان ۋە بىرلا ۋاقىتتا بىر ئىسىل ئىشخانىدا ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرۋاتقان رەسىمىنى مىكرو بىلوگدا ئېلان قىلغان،بىراق 18-چىسلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ ئىشخانىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشخانىسى ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا رەسمىيەت بىجىرىپ بىرىۋاتقان ئادەمنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەسلىكىنى ئاشكارلىغان.بۇ ئورۇن گەرچە 2005-يىلى ھەقىقەتەن ئۇلارغا نىكاھلىنىش كىنىشكىسى بىجىرىپ بەرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارغا ئاجرىشىش رەمىيىتى بىجىرىپ بىرىپ باقمىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىسىل ئىشخانا بىزىگەن يېرىمۇ يوق. بۇ ئىشلار ئاشكارلانغاندىن كىين كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ راسىت ئاجراشقان ئاجراشمىغىنى توغرىسىدا غولغۇلا قېلىشتى بىراق تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن توردا ئۇلارنىڭ سوتتا ئاجراشقانلىقى يەنى ئۈرۈمچى شەھرى سايباغ رايۇنلۇق خەلىق سوتىنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.قانۇن بۇيچە سوتتا ئاجراشقانلار خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرمىسىمۇ بۇلىدىكەن.