17-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئەزىمەتلەر ۋە ترېنېرلار ، شۇنداقلا خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى كىچىك چولپانلار بىلەن كۆرۈشتى .
تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىل بولۇپ بارغان ئەزىمەتلىرىمىز چەۋەندازلىق ، بوكىس ، ۋېلىسپىت مىنىش ، پۇتبول ، چېلىشىش ، يېنىك ئاتلېتىكا قاتارلىق كۆپ تۈرلەردە ئالتە ئالتۇن مېدال ، سەككىز كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ، 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى ؛ ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت جۇڭگو ‹‹ ئۈمىد لوڭقىسى ›› نى تالىشىش خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئوغۇللار U13 گۇرۇپپىسىدا 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە كۆپ قېتىم مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى .
جاڭ چۈنشيەن 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى كىچىك چولپانلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
جاڭ چۈنشيەن ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئەزىمەتلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ، ئارقىدىن كىچىك پۇتبولچى ئەزىمەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ھەمدە ئۇلارنى ساغلاملىقنى كۈچەيتىپ ، ئىرادىنى تېخىمۇ تاۋلاپ ، شىنجاڭدىكى ‹‹لوناردو›› بولۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى .
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې ، لى شۆجۈن ، ئەركىن تۇنىياز ، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .
جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە كىچىك پۇتبول چولپانلى...
ئامېرىكىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى قاتىلنىڭ تۇرالغۇسى ئاش...
iPhone 5S يانفونىغا بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇل...
ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ قىز - يىگىتنىڭ تويىغا پەقەت 10 يۈەن كەتك...
ئامېرىكىلىق ئارخېئولوگلار يۇقۇرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكىنىل...
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگو-چەت ئ...