گىرمانىيە سۈزۈك ئەينەك ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇڭغۇلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمىرانى چىڭگىزخاننىڭ ئۆلگىنىگە 800 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما چىڭگىزخان قەۋرىسىنىڭ ئورنى ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ئاخېئولوگىيە ساھەسىدىكى بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە. نۇرغۇن تەۋەككۈلچىلەر ۋە ئارخېئولوگلار يايلاق ۋە قۇملۇقلاردا جەسەت كۆمگەن ئەڭ ئاخىرقى ئورۇننى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە نەتىجىسى بولمىغان. ھازىر ئامېرىكىلىق ئارخېئولوگلار يۇقۇرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈشكىنىلەردىن پايدىلىنىپ چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى ئىزدەۋېتىپتۇ.
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، چىڭگىزخان ئىلگىرى قەبرىسىگە ئائىت ھەر قانداق ئىسپاننى يوقىتىۋىتىش توغرىسىدا قول ئاستىدىكىلەرگە قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىكەن. چىڭگىزخاننىڭ سادىقمەنلىرى ئۇنىڭ قەۋرىسىگە ئۈچ تۈپ جىرىم تىكىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق قەۋرە ياسىغۇچىلارنى قىرىپ تاشلىغان، ئاخىرى ئۇلارنىمۇ باشقىلار ئۆلتۈرىۋەتكەن. شۇڭا ھازىرغا قەدەر ھىچ كىم چىڭگىزخان قەۋرىسىنىڭ ئورنىنى بىلمەيدىكەن.
يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Albert Lin چىڭگىزخاننىڭ قەۋرىسىنى تاپماقچى بولغان. ئۇ رادار ۋە يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت تارتىش سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، Burkhan khaldun ئەتراپىدىكى جايلارنى تەكشۈرمەكچى ئىكەن، چۈنكى بۇ جاي مۇڭغۇللار تەرىپىدىن خاسىيەتلىك تاغ دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، چىڭگىزخان قەۋرىسىنىڭ بۇ يەردە بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.
نۇرغۇنلىغان ئارخېئولوگلار Lin نىڭ يۇقۇرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردە چوڭ قەۋرىستانلىقنىڭ بايقالغانلىقى، چىڭگىزخان قەۋرىسىنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدىكەن.
ئامېرىكىلىق ئارخېئولوگلار يۇقۇرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكىنىل...
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگو-چەت ئ...
6 ياشلىق بالىنىڭ كۆزىنى ئۇيۇۋەتكەن گۇماندار دەل بالىنىڭ چوڭ ...
بەشىر « سىياسى يول بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولم...
پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا ‹مېڭلىچاڭ› ژورنىلىدا ئەڭ ياخشى كيىنگۈچ...
Forbes ژورنىلىدا ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل...
بەشىر بىلەن كېررىنىڭ ئىلگىرى بىللە تاماق يىگەندىكى سۈرىتى ئ...