مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى›› 1-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى ئالاقە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى›› 1-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى. پائالىيەت 1-سېنتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلانغان ‹‹جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى››دە ‹‹سەنئەت ئارقىلىق تەپەككۇردا گۈزەللىك يارىتىش›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ‹‹مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، سەنئەت جەھەتتىكى گۈللىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش›› مۇھىم نۇقتا قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە جۇڭگوچە رەسىملەر كۆرگەزمىسى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئويما رەسىم تەكلىپ كۆرگەزمىسى، ئەرەب داڭلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلىرى ۋە 4-نۆۋەتلىك ئەرەبلەرنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى دوكلات كۆرگەزمىسى، ‹‹يىپەك يولىدىكى سادا›› ـــ ۋاڭ خۇڭۋېي يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دۆلەتلىك ياشلار ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق بەش چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ ۋېي پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مۇراسىمدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ماۋكېن سېيىتقامزا قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ ۋېي پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مۇراسىمدا تەبرىك سۆزى قىلدى
رەھبەرلەر بىرلىكتە ئايلانما شارچىنى قوزغىتىپ، مۇراسىمنى باشلىدى
ھەمبەھىرلىنىڭ