كۆزى ئۇيۇۋېلىنغان بالىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋالدى

02013-09-02 10:48:17   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : بۈگۈن چۈشتتە ، شەنشى ئۆلكىسدىكى 6 ياشلىق بالىنىڭ كۆزىنى ئۇيۇۋېلىش ۋەقەسىدىكى شىياۋ بىڭنىڭ كىچىك ئاپىسى ، يەنى شىياۋبىڭنىڭ گۇجىچېڭنىڭ ئايالى ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن فېنشى ناھىيىسىنىڭ دۈيجۇ كەنتىدىكى چىياۋجىياجۇاڭدا قۇدۇققا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان ، ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:30 دا ، مۇخبىر گۇجىچىياڭغا تىلىفۇن بېرىپ بۇ ئەھۋالنى راست - يالغانلىقىنى تەكشۈردى . گۇجىچىياڭمۇ ئايالىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىق خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . ئۇ قۇدۇققا سەكرىۋالغان ئايالنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .كەنتتىكى بىر كادىرنىڭ بايان قىلىشىچە ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ گۇبىڭ ( كۆزى ئۇيۇۋېلىنغان بالا ) ھاممىسىنى كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس بولۇپ ، غەلىتە بولۇپ قالغان . بۈگۈن سەھەر سائەت 7:00 دە قۇدۇققا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان . ئۇنى سۈزۈپ چىققاندا ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان . ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە . ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشى بىلەن گۇبىڭنىڭ كۆزىنىڭ ئۇيىۋېلىنىشى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش بار ياكى يوقلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس .

ۋەقە ئەسلىمىسى :

خەلق تورى خەۋىرى بېيجىڭ 27- ئاۋغۇست تېلگراممىسى . شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تور بېكەت خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، 8- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچقۇرۇن ، شەنشى ئۆلكىسى لىنفېڭ شەھەرلىك فېنشى ناھىيىسىدە بىر قېتىملىق جىنايەت گۇماندارى ئىنتايىن ئېچنىشلىق ۋاستە بىلەن ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئۇيىۋالغان . ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋىرىدە ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىنىڭ دادىسىنىڭ دىيىشىچە ، 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ، شەنشى ئۆلكىسى فېنشى ناھىيىسىدە 6 ياشلىق شىيابىڭبىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئويناۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن ، كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىن شىياۋ بىڭ بىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ھالەتتە ھۇشسىز ياتاتتى . چۈنكى گۇماندار بالىغا ھۇشسىزلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇپ ئاندىن بالىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئۇيىۋالغان .