بۇنىڭدىن بۇرۇن كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنىدۇق. يۈسۈپ مۇھەممەتنىڭ ئايالى كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىككى ئوغۇل، بىر قىز ئۈچ گېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، ئىككى ئوغۇل بوۋىقىنىڭ تېنى تۇتاش تۇغۇلۇپ قالغان، 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈسۈپ مۇھەممەت ئاكىسى ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى، ئۇلار بالىسىغا تەن ئايرىش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇزماقچى بولغان بولۇپ، بالىلىرىنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ ئوپىراتسىيىگە كېتىدىغان غايەت زور سوممىلىق پۇلنى ھەل قىلغاچ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلىماقچى بولدى.

شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ جىڭرۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەزكۇر دوختۇرخانا قوبۇل قىلغان تۇنجى تۇتاش تەنلىك بوۋاقلار ئىكەن. يېڭى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوغىمۇ توشمايدىغان بولۇپ، تېنى ئوقۇرەك سۆڭىكىدىن كىندىكىگىچە تۇتاش ئىكەن، بىر تال جىگىرى بار ئىكەن. ئۆپكە قىسمى ياخشى يېتىلمىگەننى ئاز دەپ، يەنە ئۆپكە ياللۇغىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ۋە نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىدە ھايات كەچۈرۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ تېنى بەك تۇتاش بولغانلىقىتىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىلاردا بىرلا يۈرەك بارلىقىنى ياكى كۆكرەك قىسمىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر يۈرەك بارلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن.
7-چىسىلا، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ پروفىسسورلىرى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا مەخسۇس بۇ ئىككى بالىنىڭ زادى قانچە يۈرىكى بارلىقىنى تەكشۈرۈشكە كەلدى ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ بىرلا يۈرىكىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
ئۆمەرجان مۇھەممەت مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاڭلاپ بىز بەكلا بىئارام بولدۇق، سەپەردە يۈسۈپ مۇھەممەت توختىماي ئۆز-ئۆزىگە ‹ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك› دەپ كەلدى. دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كېلىپ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن نۇرغۇن تەسەللىيگە ئىگە بولدۇق».
58 ياشلىق مۇھەممەت پەيزۇللا دوختۇرخانىغا كېلىپ 200 بېرىپ، يۈسۈپ مۇھەممەتنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ئۇنى چوقۇم ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاللاھتىن بۇ ئىككى نارەسىدىگە ئامان-ئېسەنلىك تىلىدى. ئۆمەرجان مۇھەممەت مۇنداق دېدى: «ئىنىم مەخسۇس بىر خاتىرە دەپتەر ئېلىپ ئىئانە بەرگۈچىلەرنى تىزىملىۋالدى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن بولۇپ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانىگە ئېرىشتۇق. ئالدىنقى كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى نىغمەت بىزگە تېلېفون قىلدى، ئۇ دوختۇرخانىغا 10 مىڭ يۈەن قويۇپ قويۇپتۇ، تېلېۋىزوردىلا كۆرىدىغان ئادەمنىڭ مەخسۇس دوختۇرخانىغا كېلىپ بالىلارنى يوقلاپ كېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىكەنمىز. يەنە ئۈرۈمچىلىك فەرۇخ دوستلىرى بىلەن ئىئانە توپلاش ئويۇنى قويۇپ بىزگە ياردەم قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر».
مۇخبىر مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئوقۇپ ئىگەللىشىچە، تۇتاش تەنلىك بوۋاق بىر خىل ئاز كۆرىلىدىغان ھامىلدارلىق ھادىسىسى بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەڭ بۇرۇنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تولۇق ئايرىلىپ كېتەلمىگەندە، قىسمەن يەرلىرى ئايرىلغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم داۋاملىق يېتىلىپ، تۇتاش تەنلىك بوۋاق بولۇپ تۇغۇلۇپ قالىدىكەن.
تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى ئايرىش ئوپىراتسىيىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، بىرسىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %90 گە يېتىدىكەن، ئىككىلىسىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %53 كە يېتىدۇ. تىببىي ئىلىمدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا بالىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
جاۋ جىڭرۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تەن ئايرىش ئوپىراتىسىيىسى ئېلىپ بارساق، بۇ بىر بالىدىن ۋاز كېچىپ، بىرىنى ساقلاپ قېلىشتىن دېرەك ېرىدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ تەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوغىمۇ يەتمەيدۇ، ئوپىراتسىيىنىڭ خەۋپى ئىنتايىن چوڭ؛ ئەگەر ئوپىراتسىيە قىلمىساق تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ يۈرەك كېسىلى بولغاچقا، تۇتاش ھالەتتە ھايات كەچۈرۈشىمۇ ئىنتايىن خەۋپلىك. قانداقلا بولمىسۇن، دوختۇرخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ».
ھەمبەھىرلىنىڭ