خېنەنلىك دېھقانلار پاختا تېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى

0 2013-08-28 10:42:51   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ۋۇگزال، پاختا تەرگۈچىلەرنى توشۇش ئۈچۈن ئاجىرىتىلغان L8007-قېتىملىق مەخسۇس پويىز تۇنجى تۈركۈمدىكى 2799 نەپەر پاختا تەرگۈچىنى شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭدى. رەسىمدە: نۇرغۇن پاختا تەرگۈچىلەر ئۆچرەت بولۇپ ۋۇگزالغا كىرمەكتە. 

كەڭ پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جېڭجۇ تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش كۈچىنى ئاكتىپ تەڭشەپ، 8-ئاينىڭ 27-، 31-كۈنى، 9-ئاينىڭ 2-، 10-كۈنلىرى ئايرىم ھالدا تۆت قېتىملىق مەخسۇس پويىزنى كۆپەيتتى.

 جېڭجۇ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ شاڭچيۇ ۋۇگزالى خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۈي ئۆلكىلىرىنىڭ تۇتىشىدىغان ئورنىغا جايلاشقان، ھەمدە بېيجىڭ-جيۇلوڭ تۆمۈريولى، لوڭخەي تۆمۈريولى قاتارلىق بېسىق لىنىيەلەر مۇشۇ يەردە ئوچرىشىدۇ، يولۇچىلارنىڭ كۆپلىكى ئەتراپتىكى نەچچە يۈز كىلومېتر دائىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ھەر يىلىنىڭ 8-9-ئايلىرىدا، خېنەننىڭ شەرقىدىكى رايۇنلار ۋە ئەنخۈينىڭ داڭشەن، خاۋجۇ، شەندۇڭنىڭ دەنشيەن، ساۋشيەن، چېڭۋۇ، دىڭتاۋ، جياڭسۇنىڭ فېڭشيەن قاتارلىق جايلىرىدىكى 100 مىڭغا يېقىن دېھقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا پاختا تەرگىلى بارىدۇ.

كەڭ پاختا تەرگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 7-ئاي كىرىشى بىلەنلا شاڭچيۇ ۋۇگزالى ئەتراپتىكى ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە چۇڭقۇر چۆكۈپ، يولۇچىلارنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ، پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقىتى، سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، پاختا تەرگۈچىلەرنى توشۇش پىلانىنى تۈزۈشتە پايدىلاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردىكى سىتاتىسكىلارغا قارىغاندا، خېنەندىن شىنجاڭغا بېرىپ پاختا تەرگۈچىلەر، شەرقىي خېنەن ۋە ئەتىراپىدىكى رايۇنلارغا 700 مىليۇن يۈەن ئەتراپىدا كىرىم يارىتىپ بېرىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博