تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 21-ئاۋغۇست ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە يەنە 12 كۈن قالغان پەيتتە، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئىشىك بېلىتى ۋە مەخسۇس پوچتا دەپتىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى .
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئىشىك بېلىتى ‹‹ئىللىق باھار››، ‹‹تومۇز ›› ، ‹‹كۈز ›› ، ‹‹ قىش ››، ‹‹ توغراق ››، ‹‹ ئالتۇن تەڭرىتاغ ›› قاتارلىق جەمئىي بىر يۈرۈش ئالتە خىل قىلىپ لايىھەلىنىپ ، ئوخشىمىغان رەڭ ۋە تېما ئارقىلىق بېلەتنىڭ تۈرى پەرقلەندۈرۈلگەن .
‹‹ئىللىق باھار›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن بېلەت بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ‹‹تومۇز›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن بېلەت بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ، ‹‹كۈز›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن بېلەت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ‹‹ قىش ›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن بېلەت بېلەن ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بولۇپ ، ئىشىك بېلىتى بىردەك 50 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن .
‹‹توغراق›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئىشىك بېلىتى ‹‹ مەخسۇس تاماشىبىنلار ›› غا ھەدىيە قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولىدىكەن . ‹‹ ئالتۇن تەڭرىتاغ ›› مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئىشىك بېلىتى ھەدىيە قىلىنىدىغان بېلەت بولۇپ ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىش خىزمىتى شۇ كۈنىلا باشلانغان . كىشىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ، كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم توردا بېلەت سېتىشنى يولغا قويغان ، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ ‹‹بېلەت مۇلازىمىتى تورى ››غا كىرىپ ، توردىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن. بۇ قېتىم ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە سېلىشتۇرغاندا بېلەت سېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 21 پوچتىخانىدا توردا بېلەت سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان ، سانجى ، تۇرپان ، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىمۇ يەرلىك پوچتىخانىلاردا توردا بېلەت سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان . بېلەت سېتىش ۋاقتى بىلەن پوچتىخانىنىڭ تىجارەت ۋاقتى ئوخشاش بولۇپ ، ئۈرۈمچى چاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە بولىدىكەن .
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن لى ئىشىك بېلىتىنى تونۇشتۇرماقتا
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىشىك بېل...
سۇرىيە خىمىيىلىك قوراللار بىلەن پۇقرالارنى ئۆلتۈردى، دەپ ئ...
كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرە بولۇشى ئېھتىياجنىڭ زى...
<مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتى>نىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى بادىيا ق...
سەئوەى ئەرەبىستاندىكى 610 كىلوگراملىق سىمىز بالا پادىشاھ ئاب...
تايلانت_ ئونۋېرسىتىتى «كۆچۈرمىچىلىكنى توسۇيدىغان دوپپا »يا...
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر ھەپتىدە 10 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمىزالىدى...