كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرە بولۇشى ئېھتىياجنىڭ زىيادە ئاشقانلىقىدىن بولدى

11 2013-08-21 12:36:11   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا ۋە قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرە بولۇپ كەلدى. چارۋىچىلىق بويىچە چوڭ رايون بولغان شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ ۋە ئەرزان بولغان كالا ۋە قوي گۆشىنى يىيىش نىمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟ قانداق قىلغاندا كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرىمىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ئالىي چارۋىچىلىق تېخنىكى جاۋ شىنچۈننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
  جاۋ شىنچۈن مۇنداق دېدى: كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرە بولۇشتىكى سەۋەپ شۇكى، ئېھتىياج زىيادە ئاشقانلىقتىن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. ئىلگىرى شىنجاڭلىقلارلا قوي گۆشى يەيتتى، ھازىر مەملىكەت بويىچە ھەممە كىشى قوي گۆشى يەيدىغان بولدى، شىنجاڭغا كىلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئىستىمال مىقدارى ئاشتى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن شىنجاڭلىقلار ئىلگىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىدى، ھازىر ئۇلار ئىسىمالچىلارغا ئايلاندى؛ چارۋا-مال بېقىش ھالقىلىرىدا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىكى 150 مىليون مو كىلىدىغان ئوتلاقتا چارۋا-مال بېقىش پۈتۈنلەي چەكلەنگىنىگە ئۈچ يىل بولدى. ئۇنىڭدىن سىرت 540 مىليون مو كىلىدىغان ئوتلاقتا چارۋا-مال بىلەن يەم-خەشەك تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئۈچ يىلدا بىزنىڭ ئوتلاقتا ئازايغان چارۋا-مال سەككىز مىليون تۇياققا يېقىنلىشىپ قالدى.
  جاۋشىنچۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا ۋە قوي گۆشى بازارلىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كىلىپ چىقىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولدى. ئوت-چۆپ، يەر-خەشەك تېرىشتا بىز ھەر يىلى يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىدا 500 مىڭ مو كىلىدىغان ئوت-چۆپلىكتە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىمىز، ئاپتونوم رايون سىرتى جۈملىدىن چەتئەلنىڭ نەسىللىك چارۋا-ماللىرىنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا تولۇقلىما بىرىپ، جەمىئىيەت جۈملىدىن بانكىنىڭ قەرز پۇل بىرىش جەھەتتە بەزى ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى قوي گۆشى كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博