22 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹يىپەك يولى›› تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا 17 تۈر بويىچە جەمئىي 19 مىليارد 450 مىليون يۈەنلىك ئىقتىساد – سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.
ئۇقۇشىمچە، بۇ 17 تۈرلۈك كېلىشىم ئىچىدە مىليارد يۈەنلىك كېلىشىمدىن 13ى بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم يەتتە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا جەلپ قىلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 8 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ‹‹چاڭيۈەن›› سۇچىلىق، كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى توقسۇن ناھىيەسى بىلەن توقسۇن قاراتاغ كان رايونىغا 6 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
تۇرپان شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خانئايىم تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تۇرپان شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى سەككىز كارخانا بىلەن تۈر كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ، شۇنداقلا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ھىندىستاندىكى مۇخبىرلار مۇخبىر قىزنىڭ باسقۇنچلىققا ئۇچرىغ...
22–نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا 19 مىليارد 450 مىليون يۈەنل...
بولىۋىيەدىكى بىر تۈرمىدە جىنايەتچىلەر ئۆز- ئارا سوقۇشۇپ 15 ئ...
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس...
مۇبارەك تۈرمىدىن قۇيۇپ بېرىلىپ ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ ب...
لوندون ھايۋاناتلار باغچىسىدا يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىد...
ئەردوغان « ئىسرائىلىيە مورسىنى ئاغدۇرۇشتىكى پەردە ئارقىسىد...