جىياڭشىدا تۇلۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى سىنىپ مەسئولى ئۆلتۈرۋەتتى

02013-09-22 10:59:50   ئاخبارات تورى خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
14- سىنتەبىر ، فۇجۇۋ لىنچۈەن 2- ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر قېتىملىق قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، تۇلۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى لېي xx سىنىپ مەسئولىنىڭ باشقۇرۇشىغا نارازى بولۇپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەن . مۇخبىرنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن ئىگەنلىگەن خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلىگەن . ئوقۇغۇچى بىلەن سىنىپ مەسئولى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت دىلو يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن ، لېي xx دەرس ۋاقتىدا يانفۇن ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىسى لېي xx نىڭ يانفۇننى ئېلىۋالغان ، سىنىپ مەسئولى سۈن xx لېي xx نىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئوقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان . لىنچۈەن 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئىشىخانا مۇدىرى شۇڭخەيشۈينىڭ بايانىغا قارىغاندا ، ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆلتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى لېي xx بولۇپ ، تولۇق 3- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، يېشى تېخى 18 ياشقا توشمىغان . دىلو يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل سائەت 11:26 ئۆتكەندە ، سىنىپ مەسئولى سۈن xx ئىشخانىسىدا دەرس تەييارۋاتقاندا ، لېي xx پىچاق كۈتۈرۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ، لېي xx سىنىپ مەسئولى تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغاندا پىچاق بىلەن ئۇنىڭ قۇرسىقىغا بىر پىچاق سالغان ، شۇنىڭ بىلەن سۈن xx نەق مەيداندا قازا قىلغان ؛

مەكتەپ تەرەپنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، لېي xx تورغا چىقىشقا ئامراق بولۇپ ، دائىم كەچتە تورغا چىقىپ ، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولغان . مەكتەپ ئىشىخانا مۇدىرى شۇيمېيشۈينىڭ بايانىغا قارىغاندا ، لېي xx بىلەن سىنىپ مەسئولى سۈن xx ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت شۇيەر ۋاقتى 13- سىنتەبىر يۈز بەرگەن بولۇپ ، سىنىپ مەسئولى دەرس ۋاقتىدا يانفۇندا ئۇيۇن ئوينىغان لېي xx نىڭ يانفۇننى تارتىۋالغان . ئىككىنچى كۈنى لېي xx مەكتەپ مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سىنىپ مەسئولى بىلەن لېي xx نىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ، ئىككىسى ئىشخانىدىن ئايرىلغان ؛ دىلو دەل ئارىقتىن 3 سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن . دىلو يۈز بەرگەندە ، ئىشخانىدا يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ بار بولۇپ ، ئىشخانىدا كىتاپ بەك كۆپ بولغاچقا ۋەقەنىڭ جەرياننى كۆرەلمەي قالغان . ئۇ ئوقۇتقۇچى سۈن xx نىڭ پىچاق تىقىلغاندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ، ۋە دەرھال 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تىلىفۇن قىلغان ؛ بىراق سۈن xx تىن بەك كۆپ قان چىقىپ كەتكەچكە نەق مەيداندا قازا قىلغان ؛

مەكتەپ ئىشخانا مۇدىرى شۇڭمېيشۇينىڭ بايانىغا قارىغاندا ، سۈن xx ( سىنىپ مەسئولى ) 1981- يىلى تۇغۇلغان ، 2008- يىلى ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپ لىنچۈەن 2- ئوتتۇرا مەكتىۋىگە ئىشقا چۈشكەن ؛ ھەمدە خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان ؛ ئۇنىڭ قىزى ياشقا توشمىغان دىيىلگەن ؛ بۇ مەكتەپتىكى 3- يىللىق 1- سىنىپتىكى يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بايان قىلشىچە ، سۈن xx ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ ، خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىشلەيدىكەن ؛ ئۇنىڭ دەرسىنى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىكەن ؛ لىنچۈەن رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى خۇامىڭ چىڭ مۇنداق دىدى :" قاتىل لېي xx ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن "

سۈرەتتە : زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچى سۈن xx