ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لار ئېنىقلاپ چىقىلدى

0 2013-09-25 10:44:01   شىنجاڭ تورى خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

‹توۋگوڭ ئاپتوبۇس بېكىتى يېنىدىكى يەتتە يۈەنلىك لەغمەنخانا، قىزىل تاغ بازىرى يېنىدىكى ئون يۈەنلىك لەغمەنخانا، جىن ئېرلۇدىكى 12 يۈەنلىك لەغمەنخانا ....... ›، مەزكۇر گېزىتخانا 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەردىكى ئىشەنچىلىك ھەم ئەرزان لەغمەنخانىلارنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ خىزمەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 50 نەچچە لەغمەنخانىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن.

شەھەر ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىلىك، ئەرزان لەغمەنخانىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا: بەزىلىرىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولۇشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ تاماق مىقدارى ۋە قورۇما سۈپىتىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇھىتىنىڭ ياخشى بولىشى قاتارلىقلاردۇر. نۆۋەتتە، ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەر قايسى لەغمەنخانىلارنىڭ باھاسى 15 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە ئومۇملاشقان بولۇپ، باھا نۇقتىسىدىن قارىغاندا 15 يۈەندىن تۆۋەن بولغان لەغمەنلەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ‹ئەرزان› لەغمەن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 18:00 ئەتراپىدا، بىر نەپەر ئىستىمالچى شىنشىڭ كوچىسى شىنيا مەھەللىسى ئۇدۇلىدىكى بىر لەغمەنخانىغا يېتىپ كەلگىنىدە، دۇكان ئىگىسى دۇكاننى يىغشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان ئىكەن، مۇخبىرنىڭ ئېگىلىشىچە، بۇ يەردىكى لەغمەننىڭ باھاسى 13 يۈەن بولغاچقا، ئاشخانا ئىچىدىكى تاماقلار تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدىكەن.
بۇ 50 كۋادرات مېتىرلىق لەغمەنخانىدا جەمىئي توققۇز نەپەر خىزمەتچى بار بولۇپ، دۇكان خوجايىنى خې جيەنپىڭ مۇنداق دەيدۇ:‹ مەن ئاكام بىلەن بىرگە بىرلىشىپ بۇ لەغمەنخانىنى ئاشقان، مەن ۋە ئاكامنىڭ يېشى قىرىق-ئەللىكتىن يۇقىرى، بىزنىڭ تىجارەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىمىز بولسا، باھانى ئەڭ مۇۋاپىق دەرىجىگە تەڭشەپ، ئۇننىڭ ھەم قورۇمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خېرىدارلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت›. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، خې جيەنپىڭنىڭ لەغمەنخانىسىدىكى مايلىق گۆش قورۇمىسى لەغمىنى ۋە قۇرغاق جاڭدۇ قورۇمىسى لەغمىنىلا 15 يۈەن، قالغان باشقا خىلدىكى لەغمەنلەرنىڭ ھەممىسى 13 يۈەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن 200 نەچچە تەخسە لەغمەن سېتىلىدىكەن.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىستىمالچى ليۇ شياۋمىڭ جىن ئېرلۇدىكى 12 يۈەنلىك ئەرزان لەغمەنخانىنى تۇنۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۇكاندىكى لەغمەنلەر گەرچە 12 يۈەن ھەم بەش خىللا تۈرى بولسىمۇ، بىراق تەمى ئۆزگىچە، يىيىشلىك بولغاچقا خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىگە ئېرىشكەن ئىكەن. مەزكۇر دۇكاننىڭ باشلىقى ياڭخۇي مۇنداق دەيدۇ:‹ دۇكىنىمىزدىكى لەغمەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ياڭيۇ قەلەمچىسى لەغمىنى، چۈچۈمەل سەي قورۇمىسى لەغمىنى، ئاق يېسىۋېلەك قورۇمىسى لەغمىنى ۋە كەرەپشە قورۇمىسى لەغمىنى قاتارلىق تۆت خىلنىڭ باھاسى 12 يۈەندىن 14 يۈەنگىچە، مايلىق گۆش قورۇمىسى لەغمىنىنىڭ باھاسى 18 يۈەن بولغان. دۇكىنىمىزدىكى لەغمەن باھالىرى ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم گۆش باھاسى ئۆسكەنلىك سەۋەبىدىن ئازراق يۇقىرلىتىلغان›.

ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر پۇقرالىرى جەنۇبىي لىيۈ تېغى يولىدىكى 642-نۇمۇرلۇق‹ ئارزۇ ئۆي لەغمىنى› دۇكىنىنىمۇ تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ لەغمەنخانىدىكى لەغمەنلەرنىڭ باھاسى 10 يۈەن ئىكەن؛ يەنە تەڭرىتاغ رايونلۇق 2-كۆۋرۈك باشقۇرۇش كومىتىتى فۇ شوۋگاڭ مەھەللە كومىتىتى يېنىدىكى بارقۇت تېز تاماقخانىسى ئىچىدە يەنە 13 يۈەنلىك لەغمەنلەر بار ئىكەن؛ يەنە بۇلاردىن باشقا يەنە لەنيىڭ لەغمەنخانىسى، لاۋشې لەغمەنخانىسى، قۇملۇق ساھىلى لەغمەنخانىسى قاتارلىقلاردا 14 يۈەنلىك لەغمەنلەر بار بولۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈچلۈك ياقتۇرۇپ يېيىشىگە ئېرىشكەن.

 

 مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا شۇنى بايقىدىكى، نۆۋەتتىكى لەغمەن باھالىرى ئۆتكەن يىلى ۋە ئۈلۈش يىلى ئۆرلىگەن باھالار ئىكەن، بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، دۇكان ئىجارىشىنىڭ ئۆرلىشى، گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 15 يۈەندىن تۆۋەن بولغان لەغمەنخانىلار باھانى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق خېرىدارلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى ھەم قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. توۋگوڭ يەتتە يۈەنلىك لەغمەنخانىسى بولسا، لەغمەنگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر كۈنى قاق سەھەردە مال ئۆلتۈرۈش مەيدانىغا بېرىپ ئالدىن تالىشىپ سېتىۋالغان گۆشلەر ۋە دېھقانلاردىن بىۋاسىتە سېتىۋالغان ئەرزان سەي-كۆكتاتلار ئىكەن، ئۇلار ماتېرىيال باھاسىدا جاپا تارتسىمۇ تۆۋەن چىقىملىق ماتىرىياللارنى سېتىۋېلىپ، لەغمەن باھاسىنى يەتتە يۈەندىن قىلىپ خېرىدارلارغا نەپ يەتكۈزگەن.
نۆۋەتتە، مەزكۇر گېزىتخانا يەنىلا‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۈرۈمچى خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەرزان، ئىشەنچىلىك ھەم يىيىشلىك بولغان لەغمەنخانىلارنى تۇنۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ھەم نەپ يەتكۈزۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博