iOS 7 سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچىۋىتىلدى

0 2013-09-25 10:35:30   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئالما شىركىتى تۈنۈگۈن يېڭى بىر ئەۋلاد يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىiOS 7 نى چۈشۈرۈشنى ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچىۋەتتى، نۆۋەتتە تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەر يېڭى نەشىردىكى iOS 7 نى چۈشۈرسە بولىدۇ:iPhone 4/4S/5,iPhone 5c和iPhone 5s;iPad 2/3/4,iPad mini;iPod touch 5
iOS 7 بولسا ئالما شىركىتى 2007-يىلى ئايفوننى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن بۇيانقى iOS سىستېمىسىغا قاراتقان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق سىستېما يېڭىلاش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆرۈنمە يۈزى، ئۇچۇر مەركىزى، كونتىرول مەركىزى ۋە كۆپ ۋەزىيە باشقۇرۇش قاتارلىق 100 نەچچە خىل يېڭى ئىقتىدار كىرگۈزۈلگەن.
نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان يېڭى نەشىردىكى iOS 7 سىستېمىسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن كۆپ قىسىم ئەپلەردىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلغان، Safari تور كۆرگۈچىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى، پىروگرامما يادروسى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغان. ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە 3D ئۈنۈمىدىكى كۆزنەك بېتى ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنى خىلى چوڭ ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.
iOS 7 سىستېمىسىغا يەنە سىمسىز تور ئورتاقلىشىش قورالىAir قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەندە، ئابونتلار سىمسىز تور ئارقىلىق ئايفوندىكى ھۆججەتلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرالايدىكەن. Air نى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي ۋە قولايلىق بولۇپ، ئۇ يەنە مۇكەممەل دەرىجىدە مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
iOS 7 سىستېمىسى يەنە يانفون كامېراسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك شۇكى، ئايفوندىكى ھەرخىل رەسىمگە تارتىش ھالىتى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش بۇرۇنقىدىن كۆپ قولايلىقلاشتۇرۇلغان، ئۇندىن باشقا، iOS 7 سىستېمىسىغا يەنە Instagram گە ئوخشاپ قالىدىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالى قاچىلانغان.
بۇندىن باشقا،iOS 7 سىستېمىسىنىڭ ئالبۇم قورالىمۇ يېڭىلانغان بولۇپ، ئۇ رەسىمگە تارتىلغان ۋاقىت ۋە ئورۇن بويىچە يېڭى ئالبۇملارنى ھاسىل قىلالايدىكەن، ئابونتلارiCloud ، ئېلخەت، Facebook ۋە ياكى Twitter قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق رەسىملەرنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博