بان كىمون « سۇرىيە كىرىزىسى دۇنيا تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ خىرىسى » دىدى

0 2013-09-27 10:16:39   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 جۇڭگو ئاخبارات تورى 25-سېنتەبىر تېلگىراممىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 24-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ، ىىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا رەسمىي باشلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تەبرىك سۆزى قىلىپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى، رايون مەسىلىسى، قىز-ئاياللارنى خورلاش، ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق بىر قاتار كەڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەيدانىنى شەرھىلىگەن. بان كىمون سۆزىدە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇش كىرزىسىنى چوقۇم سىياسىي يول بىلەن تىنچ ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، قورال كۈچى ئىشلىتىش ۋە ئۇرۇشپەرەسلىكنىڭ پەقەت قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.


ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 24-سېنتەبىردىكى 68-نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىپ، سۇرىيە كىرزىسىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى، ئۈچ يىلغا يېقىن سوزۇلغان بۇ بىر مەيدان ئاپەت خاراكتىرلىك ئۇرۇشتا 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان يەتتە مىليون ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغانلىقىنى، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنى خەتەرگە ئىتتىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان داۋالغۇشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى، پۇقرالارغا قارىتىلغان ئەڭ ئېغىر خىمىيىۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بان كىمون: " بىز چوڭقۇر ئويلىنىپ پىكىر قىلىدىغان مەزگىلگە دۇچ كەلدۇق. سۇرىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم تېزدىن " خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى" گە كىرگەندىن كېيىن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت تەكشۈرۈش ئۈمىكى ئېنىق، خاتاسىز ھالدا دەلىللىگەن خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت يەنە مۇشۇنداق ئىرادە بىلەن، سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قورال ئامبىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كۆيدۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمما، پەقەت خىمىيىۋى قوراللارنىلا كۆيدۈرۈش كىشىنى رازى قىلالمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇش سۇرىيەنى ھالاك قىلماقتا. كۆپ قىسىم قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقلارنى، ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان قوراللار كەلتۈرۈپ چىقارغان " دىگەن. ھەمدە بارلىق دۆلەتلەرنى كۈيىۋاتقان ئوتقا شامال چىقىرىپ بەرمەسلىككە ، توقۇنىشىۋاتقان تەرەپلەرنى قوللاش ۋە قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا مۇراجەت قىلغان.


بان كىمون يەنە، خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېزدىن بىر تۈرلۈك مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە خىمىيىۋى قوراللارغا ئائىت قارار چىقىرىشىنى، ھەمدە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ھەركىتى قوللىنىشنى، ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كۈزىتىش خادىملىرىنىڭ يېڭىدىن يۈز بەرگەن ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى دوكلات قىلىش ۋە چەكلەشتە پايدىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۇرىيە دائىرىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توشۇلىدىغان يوللارغا قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە تىببىي خادىملارغا بولغان ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشنى، ھەمدە قانۇنسىز سولاپ قويۇلغان نۇرغۇن ئادەمنى قويۇپ بېرىشنى مۇراجەت قىلغان. بان كىمون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ئومۇمىيۈزلۈك سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.


بان كىمون يەنە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللىرىگە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىنىڭ، سۇرىيەدىكى توقۇنىشىۋاتقان تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى، قۇرال كۈچى ئارقىلىق باشقىلار ئۈستىن غەلبە قىلىش ئۇ پەقەت قان تۈكۈلۈش ۋە ئۈلۈم - يىتىمدىن دېرەك بېرىدۇ ، سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچىلەر ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە ھەرقايسى تەرەپلەرنى، ئىككىنچى قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە خەلقئارا يىغىنىنىڭ پاتراق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى ئاياقلاشتۇرۇپ، سۇرىيە خەلقى تەقەززا بولىۋاتقان تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجەت قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى بولسا، ب د ت نىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئورگىنى، ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەردىن ئورتاق تەشكىل تاپقان. قۇرۇلتاي ھەر يىلى سېنتەبىردىن دېكابىرغىچە ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، ئادەتتە ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدىنقى باسقۇچى بولسا ئادەتتىكى مۇنازىرە باسقۇچى، كېيىنكى باسقۇچ بولسا، كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇھاكىمە قىلىش باسقۇچى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى 24-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، 130 نەپەردىن كۆپرەك دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، ھەمدە ئاز دىگەندىمۇ 60 نەپەر دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي دۇنياۋى مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى شەرھىلەيدۇ.ھەمدە ھەل بولمىغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەيدۇ ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博