تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيەلىك باغچا››نى باھالاش نەتىجىسى 16-سېنتەبىر ئېلان قىلىندى . تورداشلار، ساياھەتچىلەر ۋە گېئولوگىيە باغچىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەچچە نۆۋەت بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان 104 گېئولوگىيە باغچىسى ئىچىدىن 30 ى ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيەلىك باغچا›› بولۇپ باھالاندى ، ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس كۆلى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ قاتارىدا 28-ئورۇنغا تىزىلىپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى بولۇپ قالدى .