9-ئاينىڭ 24-كۈنى، گوڭ ئەيئەي جاۋابكار ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
شۇ كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى جىڭبيەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى ‹‹ئايال خوجىدار›› گوڭ ئەيئەيگە سوت ئېچىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ساختا ياساش، سېتىش بويىچە ئەيىبلىگەن بولۇپ، گوڭ ئەيئەي جاۋابكار سۈپىتىدە سوتقا چىققان.
شەنشى ئۆلكىسى جىڭبيەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 18-چېسلادىكى ئۇقتۇرۇشىدا، سوت 24-چېسلا ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدا ئېچىلىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، مەزكۇر سوتنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى سوت مەيدانىدا گوڭ ئەيئەينى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ساختا ياساش، سېتىش بويىچە ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، گوڭ ئەيئەينىڭ شەنشى بىلەن بېيجىڭدا بىر نەچچە دانە نوپۇسىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا بېيجىڭدا 41 يۈرۈش ئۆيى بارلىقى ئېنىقلانغان.
بۇ يىل بېشىدا، شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، يۈلىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گوڭ ئەيئەينىڭ بېيجىڭ، شىئەن، شېنمۇ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن يۈرۈش ئۆيىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغاچقا، تورداشلار تەرىپىدىن ‹‹ئايال خوجىدار›› دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر نەچچە نوپۇسىنىڭ بارلىقىمۇ كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرۇپ قويغان. گوڭ ئەيئەي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ چوڭ جەمەت ئىكەنلىكى، كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۆي سېتىۋالغان پۇللىرىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ گوڭ ئەيئەينىڭ بېيجىڭدا 41 يۈرۈش ئۆيىنىڭ بارلىقى، ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 9666.6 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاۋدى ماركىلىق ماشىنىسىدىن بىرسى بارلىقىنى ئېنىقلىغان. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ يەنە قانۇنغا ئاساسەن گوڭ ئەيئەي قانۇنسىز بېجىرگەن بېيجىڭ نوپۇسى ۋە كىملىكى ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بېيجىڭ، سەنشى ۋە شەنشى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلونى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. گوڭ ئەيئەينىڭ قانۇنسىز نوپۇس ۋە كىملىك بېجىرىشىگە ياردەملەشكەن يەتتە نەپەر ساقچى قولغا ئېلىنغان.
سوتنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق سوت پەقەت ئۇنىڭ قانۇنسىز كىنىشكە ياساش ۋە سېتىش جىنايىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.