«مەركەز ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى شۇ جاي ۋاقتى 24- سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابىدا باشلانغان، ئىراننىڭ پرېزىدېنتى روھىنى قۇرۇلتايدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئىران دۇنياغا ھەرگىزمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دېگەن.
روھانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە نەتىجە نىشانىغا ئىگە» ئاتوم ئېنېرگىيەسى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىپ قويغان، ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشنى خالىمايدىكەن.
ئۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئىران ئاتون ئېنېرگىيەسى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغاندا دۆلەت ئىچىدىكى «ئۇرۇشخۇمارلار بېسىم كوللېكتىپى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا دەۋەت قىلدى، ھەمدە ۋاشىنگتوندىن بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كەلگەن سادا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەگەر ئوباما «ئۇرۇشخۇمارلار بېسىم كوللېكتىپى» نىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتىنى رەت قىلسا، بىز ئۆزئارا ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىدىغان رامكا ھاسىل قىلالايمىز.
ئۇ يادرو قورالىنىڭ ئىراننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مەسلىكىدە ئورنى يوقلۇقىنى قايتا تەكىتلەپ: ئىراننىڭ يادرو پىلانى پۈتۈنلەي تىنچلىق ئۈچۈندۇر، ئىران دۇنياغا ھەرگىزمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دېدى.
روھانى سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ، «بىگۇناھ خەلق» قە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھەمدە خەلقئارانىڭ ئىرانغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ نۇتۇققا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىران بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىرىتىش ئالامىتىنى تېپىپ چىقماقچى بولغان.