چۈشەندۈرلىنىشىچە، بۇ خىل زەھەرلىك ئائىلە سايمىنى ئىلگىرى ئەنگلىيەدىكى داڭلىق پارچە سېتىش دۇكىنى Argos دا سېتىلغان . Argos كېيىن سېتىلىغان بىر تۈركۈم ماللىرىنى يىغىۋالغان، ھەمدە 2010-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن باشقازىيانغا ئۇچرىغان 13 شىركەتنىڭ خىردارلىرىغا ئىككى مىلىيارد فوندستېرلىڭ تۆلەم تۆلىگەن. لېكىن William Harrington توردىن بۇ خىل ئورۇندۇقنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنى بىلمىگەن. كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، پۇت-قۇلى ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى ھەتتا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ يېقىندىلا ئورۇندۇقدا زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلىگەن. ھازىر ئۇ ئورۇندۇقنى William Harrington ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويدى، ئۇنىڭ تېرىسىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىغان.
Argos نىڭ باياناتچىسى كۆرسىتىپ، ئۇلار بۇ خىل ئورۇندۇقنى ئىشلىتىپ زەخمىلەنگەن William Harrington غا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، تېزىلىكتە بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلار بۇ ئورۇندۇقنى قايتۇرۇپ ئەكىتىپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن William Harrington ئۇنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇلار William Harrington ئەپەندىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن ئۆزلىرىنى تەمىنلىشىنى، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى ئۈمۈد قىلدى.