نىكاھسىز ھامىلدار بۇلۇپ قالغان قىز توردىكى قىزىق نۇقتا بۇلۇپ قالدى

0 2013-09-26 16:43:49   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

تاراتقۇلارنىڭ 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 19 ياشلىق بىر قىزچاق ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن توردا ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويغان، نۇرغۇن تور بەتلەر بۇ 19 ياشلىق قىزچاقنىڭ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ قىلمىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.

      
مىكروبىلوگلاردىكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قىزچاق شاڭخەيدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى رەسىمگە تارتىپ مەكتەپداشلار تورىغا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ قوشماققا ھامىلدار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، يەنە تېخى «ئاناڭنى، تېخى قوشماقكەن» دەپ خەت قالدۇرغان.

       كەينىدىن يەنە ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش تاياقچىسىنىڭ سۈرىتىنى چىقىپ: «ئەتە قوزام بىلەن خوشلىشىمەن، كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ» دەپ خەت قالدۇرغان. ئۇ يەنە سۆز قالدۇرۇش رامكىسى ئارقىلىق دوستلىرىغا ئۆزىدىكى ھەرخىل «قورقۇنچ» ھېسسىياتلىرىنىمۇ ئىپادىلىگەن.

       نۇرغۇن تورداشلار ئوخشاش بولمىغان تور بەتلەردە ئۇنىڭغا «تىل-ئاھانەتلەر» نى ياغدۇرىۋەتكەن: «ئەسلىدىلا بىر شەرەپ ھېس قىلىپ كەتكۈدەك ئىش بولمىسا بۇ، يەنە تېخى توردا ئاشكارىلاپ يۈرگىنىنى، بۇ قانداق پىسخولوگىيىلىك ھالەتتۇ ئەمدى؟»، «ماڭا ئۇ ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىدىن ماختىنىۋاتقاندەك تەسىر بەردى، بەك غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.»، «سۈكۈت، مەن 90-يىلىدىن كېيىن بىر بالىنىڭ ئاپىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلارغا كىچىكىدىنلا تويدىن بۇرۇنقى تەربىيىنى بېرىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن!»

       بۇ قىزچاقنىڭ مەكتەپداشلار تورىدىكى ئەلبۇمىغا ساقلانغان رەسىملىرى ۋە قالدۇرغان سۆزلىرىنىڭ كەسمە رەسىملىرى تورداشلار تەرىپىدىن دەھشەت تارقىتىلغان.

       نۇرغۇن تورداشلارنىڭ باھا سۆزلىرى قالدۇرغانلىقىنى ۋە رەسىملىرىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ قىزچاق ئاچچىقىدا خەت قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ رەسىملەرنى چىقىرىشى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئەمەس پەقەت خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قارىشىچە، 10 ئادەمنىڭ ئىچىدە ھېچ بولمىغاندا بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

       2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر بۇ قىزچاقنى Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەن دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلەشكەن. دوختۇرخانا تەرەپ بۇ قىزچاقنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىقلانمىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博