24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قالايمىقان ماشىنا توختاتقۇچىلاردىن 200 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ

76 2013-09-26 12:17:15   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن سېنتەبىردىن باشلاپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پىيادىلەر يولىنى ئىگىلەپ قالايمىقانئاپتوموبىل توختىتىش قىلمىشىغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.  9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى، شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ، شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل توختىتىشنى تۈزەش–نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شەھىرىمىزدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى تەكشۈرۈپ ، پىيادىلەر يولىنى ئىگىلەپ قالايمىقان ئاپتوموبىل توختىتىش قىلمىشىنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئىگىلىنىشىچە ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى تەخمىنەن ئىككى ئاي ئەتراپىدا ئېلىپ بارىدىكەن.
  شەھەرلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكىمۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، شوپۇرلاربەلگىمىگە خىلاپ ھالدا پىيادىلەر يولىغا ئاپتوموبىل توختاتسا، مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرى 200 يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن.
شۇ كۈنى، شىخۇڭ شەرقىي يولىدىكى ئۈرۈمچى خېڭياڭ شېڭيې سوداچەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۇاڭدا بانكىسى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يىكەنكۆل شەرقىي يولى ئۈرۈمچى بورۈييۈەن سودا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى  يىكەنكۆل گۈللۈكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ياڭزىجياڭ يولى شىنجاڭ خەيلې سودا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى قىزىل ھىلال ئاي ئولتۇراق رايونىئىككى تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، دوستلۇق جەنۇبىي يولى ئۈرۈمچى شياڭرۈي ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى قىزىل ھىلال ئاي ئولتۇراق رايونىئىككى تەرىپىدىكىئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، دوستلۇق جەنۇبىي يولى ئۈرۈمچى شياڭرۈي ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى‹خەيلەن ئائىلىسى› ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولماسلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى ئېنىق سىزىلماسلىق ئەھۋاللىرى بايقالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博