سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەل بىۋاسىتە مەبلەغ سوممىسى ئەكس يۆنىلىشتىن ئۆسۈپ، 87 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى 3 چوڭ چەتئەلگە مەبلەغ سالىدىغان دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
«2012-يىللىق جۇڭگو چەتئەل بىۋاسىتە مەبلىغى ستاتىستىكا ئومۇمىي دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %17 تۆۋەنلەش ئارقا كۆرۈشى ئاستىدا، جۇڭگو چەتئەل بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ ئېقىم مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارىتىپ، ئوخشاش نىسبەتتە %17.6 ئاشقان، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن قالسىلا دۇنيادا 3- ئورۇندا تۇرغان.
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەل بىۋاسىتە مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 531 مىليارد 940 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيادا 13-ئورۇندا تۇرغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىل دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىپ سېتىۋالغان تۈرى 457گە يېتىپ، ئەمەلىي سودا سوممىسى 43 مىليارد 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىككىلا جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە مەبلەغ يەنىلا سېتىۋېلىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، مەبلەغ سوممىسى ئەمەلىي سودا سوممىسىنىڭ 63.6%نى ئىگىلىگەن.
ساھەلەر بويىچە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرغىچە، جۇڭگو چەتئەل تاشقى بىۋاسىتە مەبلىغى خەلق ئىگىلىكىدىكى بارلىق ساھەلەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجراچىلىك ۋە سودا مۇلازىمەت ساھەسى، پۇل-مۇئامىلە ساھەسى، كانچىلىق، توپ ۋە پارچە سېتىش، ياسمىچىلىق، قاتناش ترانسپورت، ئىسكىلات ۋە پوچتا، قۇرۇلۇش ساھەسى ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش دائىرىسى بولغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بان كىمون « سۇرىيە كىرىزىسى دۇنيا تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە...
قاناس مەنزىرە رايونى ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيەلىك ب...
24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قالايمىقان ماشىنا توختاتقۇچى...
نىكاھسىز ھامىلدار بۇلۇپ قالغان قىز توردىكى قىزىق نۇقتا بۇل...
ئەنگلىيەدە توردىن سېتىۋالغان خۇرۇم سافا بىر ئەرنى تېرە كېسى...