![src="../../../uploadfile/article/uploadfile/201309/20130927125853171.jpg"]()
كىشىلەر دائىم زىلۋا بەدەن بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەنگىلىيەدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز بىر ئەر گەرچە ئورۇقلاپ” زىلۋا بەدەن“بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە چۈشكەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلىگىراف» گېزىتىنىڭ 24- سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ 70 ستون (تەخمىنەن 444 كىلوگىرام) غا يەتكەن، ھەر كۈنى 20 كىلوكالورىيە ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىدىغان دۇنيا بويىچە” ئەڭ سېمىز“ ئەر پائۇل مېيسىن ئەنگىلىيە مىللىي داۋالاش مۇلازىمەت سېستىمىسى ( NHS) نىڭ ياردىمىدە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 48 ستون (تەخمىنەن 304 كىلوگىرام) ئورۇقلىغان ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئويلىمىغاندا ئۆزىنىڭ” كۆڭلىدىكى مەبۇدە“سىنى تاپقان.
ئامېرىكا ماسساچۇستىس شىتاتىدىن كەلگەن رېبىككا بىر تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىمىدىن ھەددىدىن تاشقىرى سەمىرىپ كەتكەن مېيسىننى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇچرىغان مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق سەۋەبىدىن يىمەك- ئىچمەككە بەك بېرىلىپ كېتىپ، مۇشۇنداق سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن، بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن رېبىككا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى(Facebook) ئارقىلىق مېيسىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ NHS نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئورۇقلاش ئوپىراتسىيىسى ھەققىنى تۆلىگەن. دەسلەپتە مېيسىن رېبىككانىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىگە نىسبەتەن گۇمانىي قاراشتا بولغان، ئەمما ئۇلار ۋىدېودا كۆرۈشۈپلا قەدىناسلاردەك بولۇپ كەتكەن ھەم بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسىگە يەتكەن، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن.
نۆۋەتتە 52 ياشقا كىرگەن مېيسىن گەرچە تونۇشقىلى بىر ئاي بولغان قىز دوستى رېبىككا بىلەن تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رېبىككانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك لايىقى بولالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىكەن. ئۇ ھازىر رېبىككا بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە ھەم كىيىنكى ئۆمرىنى ئۇنىڭ بىلەن قۇل تۇتۇشۇپ ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىزار ئىكەن. مېيسىن مۇنداق دىگەن: «مەن تاشقى ئوبرازغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيمەن، رېبىككانىڭ ماڭا تۇتقان قەتئىي پۇزۇتسىيىسى ۋە ئادىمىيلىك جەلىپكارلىقى مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى. »
![src="../../../uploadfile/article/uploadfile/201309/20130927125854985.jpg"]()
![src="../../../uploadfile/article/uploadfile/201309/20130927125854787.jpg"]()
ھەمبەھىرلىنىڭ