خەلق تورى 28- سىنتەبىر تېلگراممىسى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋىرىدە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27-سىنتەبىر ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن تىلىفۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ؛ ئوبامانىڭ :" بىز چوقۇم ئومومىيۈزلۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىمىز " دىدى ؛
خەۋەردە دىيلىشىچە ، ئوبامانىڭ دىيىشىچە ، ئۇ كەلگۈسىدىكى دۇچ كىلىدىغان تاللاشنى توغرا چۈشىندىكەن ؛ " بۇ قېتىمقى تىلىفۇندا پاراڭلىشىشى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ 1979- يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى بىراق يەنىلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ھالىتىگە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ؛
ئىران زۇڭتۇڭى روھانى قانداق ئىنكاس قايتۇردى ؟ خەۋەردە مۇنداق دىيلگەن : ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنى مەزگىلىدە ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن كۆرۈشەلمىدى ، پەقەت ئىھتىياتچانلىق بىلەن روھاننىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ ، يادرو كىلىشمىسى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ؛ ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى چوڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دىدى :" مەن ئىران زۇڭتۇڭى روھاننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم ، زۇڭتۇڭ روھانى چارە قوللىنىش ئارقىلىق ئىران ۋە غەرب ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى ؛
بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ، روھانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى چوڭ يىغىنىدا سۆز قىلدى ، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە چوقۇم سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ، بىراق باشقىلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى . بۇ روھاننىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق چوڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ھىسابلىنىدۇ ؛
روھانى CNN بىلدۈرۈشىچە ، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئوباما بىلەن كۆرۈشمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىككى تەرەپ " يىتەرلىك ۋاقىت ۋە كىلىشتۈرۈشكە مۇھتاج " دەپ بىلدۈردى ؛ بىراق ئۇ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ، ئىراننىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىچە بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ؛ ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى :" مەن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ، روھانى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئىران خەلقنىڭ تېنچلىقنى ۋە دوستانىلىقىنى ئېلىپ كەلدى " .