ئەل سۆيگەن داڭلىق ناخشىچى غالىپجان غوپۇر ناخشا كېچىلكى ئۆتكۈزىدۇ

0 2013-10-09 11:11:23   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى



ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ، يىقىملىق ئاۋازى بىلەن رايونىمىزدىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىز تەرىپىدىن <تەكلىماكاندىكى ئوتلۇق كۈيچى>،<تەڭرىتاغ باغرىدىكى سۈزۈك بۇلاق> دەپ نام ئالغان، ئۇيغۇر مۇقاملىرى، خەلق ناخشىلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئاممىباب ناخشىلىرىنى ياڭراق، ساپ ۋە سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئۇتۇق قازانغان ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز غالىپجان غوپۇر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ۋە شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى زالىدا <سالام خەلقىم> نامىدا نەق مەيدان ئاۋازلىق ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-ئۆكتەبر غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ،  ئەل سۆيگەن بۇ ناخشىچىمىز بۇ قېتىملىق ناخشا كىچىلىكىدە، ناخشىلىرىنى ئاممىباپ ئۇسلۇب، ياۋرۇپاچە ئۇسلۇب، مىللىيچە ئۇسلۇپ ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا ئورۇندايدىكەن. شۇنداقلا< شەرق گۆھىرى> دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرىمىزنى دۇتار بىلەن، مۇڭلۇق ۋە ئىجادىي ناخشىلىرىنى گىتار بىلەن نەق مەيدان ئاۋازىدا ئورۇندايدىكەن.



غالىپجان غوپۇر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا



ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرىدا غالىپجان غوپۇر يىغىنغا كەلگەن ھەر قايسى تاراتقۇلارغا كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە <ئىنساپ تىلەيمەن> دېگەن ناخشىسىنى ئىيتىپ بەردى



ناخشا كىچىلىكى ۋاقتى : 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دا.
ناخشا كىچىلىك ئورنى : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش چوڭ زالى.
ناخشا كىچىلىكى بىلەت باھاسى : 80 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە.
بىلەت سېتىلىش ۋاقتى : 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.
بىلەت سېتىش ئورنى : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ۋە ھەر قايسى چوڭ ئۈن-سېن بۇيۇملىرى دۇكىنى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博