خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان 1932-يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، مەزكۇر بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلار 10 قېتىم قاتتىق قامچىلاش جازاسىغا ئۇچرايدىكەن، بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر، مەسىلەن، مىسىر، لىۋان قاتارلىقلار دۆلەتلەرمۇ بۇرۇنقىدەك ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش بويرۇقىنى بىكار قىلدى ؛ ھازىر پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانلا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە يول قويمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قارىتا ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى ؛
مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە ئىككى يىل بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان " ئالىي دىن قۇرۇلتىيى " دا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ، فاخىد (Fahd) پادىشاھ ئونىۋېرسىتېتىغا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئاياللار ئاپتوموبىلى ھەيدىسە،جەمئىيەتتە ئىپپىتىنى سېتىش ۋە ھەمجىنس بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن. بىراق مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى باشقىلارنى قايىل قىلالمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۈرىشىدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يېقىندا بىر ئايال كىچىك ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ توققۇز دوستى بىلەن ساياھەت قىلغىلى چىققان بولۇپ، يولدا سالاھىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۆت ئايال قازا قىلغان ؛
ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلىپىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە كۈچىيىپ كىتىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن سەئۇدى ئەرەبىستان خەلىپىسى ساللاھ ئەل لۇھايدان (Salah al-Luhaydan) ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئاياللار ئاپتوموبىل ھەيدىسە ناھايىتى خەتەرلىك، چۈنكى ئاياللار ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىغا ۋە تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيانلىق،شۇڭا ئۇلار تۇغقان بالىلارنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ جەھەتتە مېدىتسىنا جەھەتتىن دەلىل- ئىسپاتلار بار.بىراق سەئودى ئەرەسبىتاندا ئاياللار نارازلىق بىلدۈرۈش ھەركەتلىرىمۇ كەينى - كەينىدىن يۈز بېرىپ تۇرغان ؛
سەئودى ئەرەبىستانئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلىنىدۇ...
دۆلەت رەئىسى شىجىنپىن پۇتىنغا تۇغۇلغان كۈن تورت سوۋغا قىلدى...
سەئودى ئەرەبىستاندا كوچىدا ئۇسۇل ئوينىغان ئەرگە 10 يىللىق قا...
مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسى رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان تو...
ھېندونىزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا گۈزىلى تاللاش مۇسابىقە مەي...