رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوفنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇتىنغا تورت سوۋغا قىلغان، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بولسا بىر بوتۇلكا ساكى ھارىقىنى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى سۇسىلو ئۆزى شەخسەن گىتتار چېلىپ پۇتىنغا " تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك " ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، مەيداندىكى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ چاۋاك چېلىپ تۇغۇلغان كۈنى ناخشىسىنى ئېيتقان.