چەتئەل تاراتقۇلىرى « بازا تەشكىلاتى سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولدى » دىدى

0 2013-07-18 10:22:05   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  روسىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ ئەرەب تىلىدا چىقىدىغان " ئوتتۇرا شەرق گېزىتى »"( Al-Sharq Al-Awsat ) نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر بېرىشىچە، خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغان " بازا " تەشكىلاتى يېقىندا سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندا " ئىسلام دۆلىتى " قۇرۇشنى جاكارلىماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن .
  مەزكۇر خەۋەردە دىيىلىشىچە، بازا تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ئاتالمىش " سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسى " نى قورال كۈچى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىپ، سۇرىيە بىلەن تۈركىيە چىگرىسىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان. بۇنداق بولغاندا، ئىسلام ئۇنسۇرلىرى تۈركىيەدىن كەلگەن قورال- ياراق ۋە ئوق- دورىلار ۋە سۇرىيەگە ئەتكەس قىلىنىدىغان نېفىتنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، مەبلەغقە ئېرىشىدۇ.
  سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بازا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى ئۆكتىچى ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئارمىيىمىز بازا تەشكىلاتىنىڭ " ھۇجۇمغا ئۇچراش ھەم ئىككىنچى ئۇرۇش سېپى ئېچىلىش " تىن تىرىشىپ ساقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان رايونلار ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازا تەشكىلاتى قوراللىقلىرى رامزان ئېيى ئاياقلاشقاندا ( 8- ئاۋغۇست ياكى 9- ئاۋغۇست ) ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن دىيىلىگەن .
بۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىلگەن خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، ئىسلام قوراللىق ئۇنسۇرلىرى سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسىنىڭ بىر قانچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ ئەزاسى كامىل خامالمۇ بار . شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسىگە قارايدىغان ئىسلام ئۇنسۇرلىرى بىلەن باشقا قوراللىق گورۇھلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان.
  بىر قاتار ئىسلام گورۇھلىرى ئىچىدە چەتئەل قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر جانلىق بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەدە پۈتۈنلەي ئىسلام قانۇنى بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش مەقسىدىنى ئاشكارلىغان .
  سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن: بازا تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ ئاتالمىش " سۈرىيە غالىبىيەت فرونتى " ( Jabhat al-Nusra ) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئۆكتىچى تەشكىلاتلارغا بولغان تەسىرى بارغانچە چوڭ بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن تارماق قىسىملىرى " سۇرىيە غالىبىيەت فرونتى " ( Jabhat al-Nusra ) غا قوشۇلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博