ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى 7 ئاينىڭ 12 كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامىرىكىلىق بىر قېيسىلىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىز 2 ياش ۋاقتىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بىر ئوغۇل بالىغا ئۆزگىرىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ ، ئاتا- ئانىسى ئۇ 5 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىپ ئوغۇل بالىغا ئايلىنىش ئارزۇسىغا قۇشۇلدى، ئۇ ئامىركىدىكى 10 يىلدىن بىرى بىرىنچى بۇلۇپ جىنسىنى ئۆزگەرىتكەن بالىغا ئايلاندى.
دەسلەپتە كەيسىلىننىڭ ئاتا- ئانىسى پەقەت ئۇنىڭ بىر خىل ئوغۇل بالىلاردەك خارەكتىرى بار دەپلا ئويلىغان،بىراق كەيسىلىن يېقىنقى يىللاندىن بۇيان توختىماي يىغلاپ غەلۋە قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتا- ئانىسى ئۇنى پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسەتكەن، دوختۇرنىڭ دىئاگىنۇزى بولسا كەيسىلىن جىنسى تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغانلىقى ئىسپاتلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا كەيسىلىن ئوڭۇشلۇق بىر ئوغۇل بالىغا ئايلاندى، ھەمدە ئىسمىنى تەيلېر غا ئۆزگەرىتتى، كەيسىلىنىىڭ ئانىسى جېئېن مۇنداق دېدى؛ ئەگەر تەيلېر كەيسىلىنگە ئۆزگەرگەن بولسا مەن بەكمۇ خوشال بولغان بۇلاتتىم ، بىراق بالام بىر ئوغۇل بالىغا ئايلىنىپ خوشال بولدى ، بالامنىڭ خوشاللىقى مىنىڭ خوشاللىقىم دېدى، ھازىر تەيلېر بىر ئوغۇل بالا سالاھىتىدە مەكتەپكە كىردى.
بالىلارنىڭ جىنسى ئايرىمىسى جەھەتتە كىشىلەر كۆپ مۇنازىرە قىلىشىدۇ، بەزىلەر كىچىك ۋاقتىدىكى بەزى ئىشلار ئۇنىڭ كىشلىك ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا كىچىك ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش چوڭ بولغاندىن كىيىنكى ھەرخىك پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.