تۈركىيىلىك ئايال ئاچچىقىدا ئۆيىنى بۇزىۋەتكەن

0 2013-07-15 10:19:36   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كونىلاردا ،ئاياللارنىڭ چىشىغا تەگكىلى بولمايدۇ دىگەن گەپ بار ،بۇ نۇقتىدا تۈركىيىلىك ساھەننىڭ چوڭقۇر كەچۈرمىشى بار .ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى>نىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئەر -ئايال ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغانلىقتىن ساھەننىڭ ئايالى ئاچچىقىدا ئېرى ئىشقا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنى بۇزىۋەتكەن .ۋە بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەتكەن .ھازىر ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئىككى بالىسى ئۆيسىز قالغان .

ساھەننىڭ دىيىشىچە ئۇ قوشنىلىرىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا ئاللىقاچان كىچىككەن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۆيى ئاللىقاچان ئايالى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن ،ئۆيدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ،ئاشخانا سايمانلىرى ،گىلەم،قىسقىسى يىڭنە چاغلىق نەرسىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتكەن ئىدى .ھازىر ئۇ بالىلىرىنى ئۆيىنى رىمىنوت قىلىپ بولغىچە ۋاقىتلىق قاراپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر