ئىراقتىكى پارتىلىتىش ۋەقەلىرى رامىزان ئېيىدىمۇ توختىمىدى

0 2013-07-15 10:05:34   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلىقئارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،رامىزان ئېيى يىتىپ كېلىپ ئىككىنچى كۈنى ،يەنى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىراقتا كەينى -كەينىدىن تېرورلۇق پارتىلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،60ئادەم قازا قىلىپ 140ئادەم يارلانغان .شۇ كۈنىدىكى پارتىلىتىشنىڭ تىغ ئۇچى ئىراق بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ ئەزالىرىغا قارىتىلغان ھەمدە 27ئادەم قازا قىلىپ 41ئادەم يارلانغان .

   بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئىراق ساقچى ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە ،شۇ كۈنىدىكى پارتىلىتىش باغداتنىڭ شىمالىغا 200كىلومىتىر كېلىدىغان تاش يولدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ بىر تۈركۈم سالاھىتى ئېنىق بولمىغان ئادەملەر نىفىت بازىسىنى قوغداۋاتقان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلغان ئاز دىگەندىمۇ 11ساقچى قازا قىلغان ،

   تېرورچىلار تىغ ئۇچىنى بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ ئەزالىرىغا قاراتقاندىن باشقا شۇ كۈنى يەنە تېرورچىلار باغداتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر مىگدادىنۇ ،ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ساراھىدىن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ 33ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

   نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ قېتىمقى پارتىلىتىشقا مەسئول ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمىغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博