جۇڭشىن تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر تەبىئىي جىلغىدا ئىسمى ئېنىق بولمىغان بىر جانلىقنىڭ جەسىتى بايقالغان بۇلۇپ يەرلىك خەلىقنىڭ ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .بەزىلەر ئۇنى تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن قانلىق بۇلۇشى مومكىن دەپ پەرەز قىلغان ،مۇتەخەسىسلەر بۇنى قۇرۇپ قالغان بىر مومىيا بۇلۇشى مومكىن دەپ قارىغان .
بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ جەسىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئېقىن بۇيىدىن بايقالغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە ،بۇ جانلىقنىڭ جەسىتىنىڭ ئۇزۇن تۆت پۇتى بۇلۇپ جەسەت ياغاچتەك قۇرۇپ كەتكەن ئىدى ،يەر شارىدىكى جانلىقلارغا ئوخشىمايتى ،جەسەت بايقالغاندىن كېيىن يەرلىك خەلق ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئۇلار بۇنى تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ جەسىتى بۇلۇشى مومكىن دەپ ئويلىغان ،
بۇ جەسەت بايقالغاندىن كېيىن ئىنتېرنىتتا ھەرخىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلغان .بەزىلەر بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن يولۋاس دەپ قارىغان ،يەنە بەزىلەر ئۆلۈپ قۇرۇپ قالغان ئىت بۇلۇشى مومكىن دەپ ئويلىغان ،بەزىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ بۇ بەلكىم ئىشسىزقېلىپ بۇ يەرگە ئاپتاپقا قاقلانغىلى كەلگەن ھۆكىمەت مىنىستىرى بۇلۇشى مومكىن دەپ قويغان .
بۇ جەسەتنى بايقىغۇچىنىڭ دىيىشىچە دەسلەپ بۇ جەسەت بايقالغاندا ئىت باش مايمۇنغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن .گىرمانىيىدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسى قىزىقچىلىق قىلىپ بۇ بەلكىم يېرىم ئادەم يېرىم مايمۇن بولغان غەلىتە مەخلۇق دىگەن .