سەئودى ئەرەبىستان مەلىكىسىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى سۈرىتى ئاشكارلاندى

0 2013-07-15 09:51:01   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   42 ياشلىق مەتسا سەئودى ئەرەبىستاننىڭ مەلىكىسى مەتسا . ئالايبان ئادەم بېدىكى جىنايىتى بىلەن ئامېرىكىدا قولغا ئېلىنغان . 10- ئىيون ئامېرىكا سوتى ئەرز قىلىپ ، مەتسانى قۇيۇپ بېرىش كېپىللىك پۇلىنى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتكەن . ئەگەر جىنايىتى بېكىتىسە ، مەلىكە مەتسا 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىشى مۇمكىن .

سۈرەتتە : شۇ يەر ۋاقتى 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ، سەئودى ئەرەبىستان مەلىكىسى مەتسا . ئالايباننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرىتى .

   چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ 10- ئىيۇل ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەلىكىسى بىر ئايالنى ئۆزى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئىشلەشكە مەجبۇرلاشقا چېتىلىپ قالغان بولۇپ، يەرلىك تەپتىش ئادەم بىدىكلىكى جىنايىتى بىلەن مەلىكىنى ئەيىبلىگەن، ئەگەر ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىلسە 12 يىل تۈرمىدە يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دىيىلىگەن .
   ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى بىر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، 42 ياشلىق مەتسا. ئالايبان ئادەم بىدىكلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىلسە 12 يىل تۈرمىدە يېتىپ قېلىشى مۇمكىن .
ئامېرىكىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورنىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېنىيەلىك بىر ئايال 9- ئىيۇل ئاپتوبۇسنى توسۇپ، ئۆزىنى ئادەم بىدىكلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دېگەن، كېيىن بىر يولۇچى كېنىيەلىك بۇ ئايالنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەن. كېيىن ساقچىلار ئالايباننىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرغان، ھەمدە ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن.
30 ياشلىق بۇ ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2012- يىلى كېنىيەدىن ياللاپ كېلىنگەن بولۇپ،سەئودى ئەرەبىستانغا بارغاندا مەتسا ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئېلىۋېلىپ بىخەتەرلىك ساندۇقىغا سۇلاپ قويغان . ھەمدە ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان، ئەمما ئېرىشكەن كىرىمى ئىلگىرى ۋەدە بېرىلگەندىكىدىن خېلىلا ئاز بولغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال مەتسادىن نارازى بولغان .
  ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، مەتسانىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئەمگەك تالاش- تارتىشى ماجراسى . ئەمما تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر قېتىملىق ئاددى ئەمگەك تالاش- تارتىشى بولماستىن ، بىر قېتىملىق ھازىرقى زاماندىكى قۇل قىلىش دېلوسى دىدى .
ئاخىرىدا، يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئالايباندىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش ئۈچۈن بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇش، شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ ئورانج ناھىيەسىدىن ئايرىلماسلىق، ھەمدە ھەر ۋاقىت ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننى تەمىنلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博