سەئودى ئەرەبىستان پادىشاھى 30 نەپەر ئايالنى پارلامېنىت ئەزاسى قىلىش پەرمانى چۈشۈردى

565 2013-01-14 10:30:40   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  تەيۋەن " جۇڭگو تورى " 11- يانىۋار خەۋىرىدە ، سەئودى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا 30 نەپەر ئايالنى پارلامېنىت ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەش بويرۇقىنى چىقاردى . خەۋەردە دىيىلىشچە ، بۇ پەرمان سەئودى ئەرەبسىتاندا ئاياللارنىڭ سىياسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .

  2011- يىلى ، سەئودى ئەرەبىستان پادىشاھى ئاياللارنى يەرلىك سايلامغا قاتنىشىش ھەم پارلامېنىت سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقوقى بەرگەن . سەئودى ئەرەبىستاندا بۇنىڭدىن بۇرۇن 150 نەپەر پارلامېنىت ئەزاسى بولۇپ ،ھەممىسى ئەرلەر ئىدى .

  بىراق ، سەئودى ئەرەبىستاندا ھازىرمۇ ئەر - ئاياللارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولۇپ ،پارلامىنىت سارىيىدىكى چوڭ زالدا ، ئايال پارلامېنىت ئەزالىرى مەخسوس زال ئاجرىتىپ ، ئەر پارلامېنىت ئەزالىرىدىن ئايرىم خىزمەت قىلدىغان شارائىت يارىتىپ بەردى .

  سەئودى ئەرەبىستاندا ئاياللار ھوقوقى چەكلەنگەن . جۈملىدىن ئاياللار ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە يول قۇيۇلمايدۇ . 45 ياشتىن تۈۋەن ئاياللاريالغۇز سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . چوقۇم ئەر كىشىنىڭ ھەمرالىقىدا سىرتقا چىقىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博