1- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ، سەئودى ئەرەبىستان مەسلىھەتلىشىش كېڭىشىنىڭ ئايال خادىم قۇبۇل قىلغانلىقىدىن ، بۇ دۆلەتتىكى ئاياللارنى ھوقوق جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان دەپ خەۋەر بەرگەن . بىراق سەئودى ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ ئورنى ھېلىھەم بۇرۇنقىدەك تۈۋەن . ئونۋىرسال چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ، سەئودى ئەرەبىستاندا داڭلىق بىر ئىمام 5 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ھەمدە قىزىنى خورلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن . بىراق بۇ " ئادىمى ھايۋان " قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىماستىن ،قىزىنىڭ تۇغقان ئانىسىغا " گۇناھىنى يۇيۇش " ھەققى تۆلەپلا قانۇن تورىدىن قۇتۇلۇپ چىققان .
ئالدىنىقى يىلى 10- ئايدا ، 5 ياشلىق قىز لاما . گامدى دوختۇرخانىغا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى . جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، لاما ھايات ۋاقتىدا ئېغىر خورلاشقا ئۇچرىغان ، باش قىسمى تاياق زەربىسىدىن يېرىلىپ كەتكەن ، بىر قانچە تال قوۋرۇغا سۈڭىكى ۋە سول بىلىكى سۇنغان . بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يارا ئىزى ۋە كۈيۈك ئىزى بار بولۇپ ، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغان بىر ئىش ، لاما كۆپ قېتىم دادىسى تەرىپىدىن ئاياق - ئاستى قىلىنغان .
بىر ئايدىن كېيىن لامانىڭ دادىسى ، داڭلىق ئىمام فايخان . گامدى قولغا ئېلىنغان . فايخان سوتتا گۇناھىنى ئىتىراپ قىلغان بولسىمۇ ، بىراق يەرلىك سوت فايخانغا ئۈلۈم جازاسى ياكى ئۈمۈرلۈك قاماققا ھۈكۈم قىلىش جازاسى ھۈكۈم قىلمىغان . ئەكىسچە تېخى باش سوتىچى فايخاننىڭ سوت تارتىش جەريانىغىچە ھارغىچە تۈرمىدە ياتتى ، شۇڭا فايخان قىزنىڭ ئانىسى ۋە باشقا بىۋاستە تۇققانلارغا " گۇناھىنى يۇيۇش ھەققى " تۆلەش ھۈكۈم قىلىنىپ قۇيۇپ بېرىلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، فايخان لامانىڭ تۇغقان ئانىسىغا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى " گۇناھىنى يۇيۇش ھەققى " تۆلىگەن . ئىسلام قانۇنىدا ، ئەگەر دادا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۋەتسە ، گۇناھى ئۈچۈن ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنمايدۇ ، ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ، گۇناھى ئۈچۈن ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنمايدىكەن .فايخانغا بېرىلگەن " جازا ھۈكۈمى " بارلىق سەئودى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى . ئاياللارنىڭ ھوقوقنى قوغداش تەشكىلاتى ، چۈنكى فايخان 5 ياشلىق قىز لامانىڭ " قىز " ياكى " قىز ئەمەسلىكىنى " بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مەسۈم قىزنى ئاياق - ئاستى قىلغان ، ھەتتا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن . مانار بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تورغا " مەن لاما " تېمىسىدىكى پىكىر يۈرگۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى . بۇ پائالىيەت ئارقىلىق سەئودى ئەرەبىستاندىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئاياللارۋە بالىلارنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى . بۇ پائالىيەت سەئودى ئەرەبىستاندا غۇلغۇلا قوزغىدى .
يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، بۇ خەۋەر سەئودى ئەرەبسىتان ھۈكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان . ھەمدە يەرلىك ھۈكۈمەت 24 سائەتلىك بالىلارنى قوغداش قىزىق لىنيە تىلىفۇنى تەسىس قىلىپ ، بالىلارنى خورلاش مەسىلىسىنى ئىگىلىگەن .
5ياشلىق قىزىغا قورا قۇلىنى سۇنغان دادا فايخان
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...