ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ10-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،سەئۇدى ئەرەبىستان ‹‹ئوكاز خەۋەرلىرى گېزىتى››دەئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەنگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئەر 2080دەررە قامچىلاش جازاسى بىلەن 13يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە سوت مەھكىمىسى،بۇ ئەرنىڭ ئۆتكەن 7يىلدا زەھەرنىڭ تەسىرى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان.بۇ ئەر جازا ئۆتەش مەزگىلىدە 2080دەررە قامچىلاش جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ،بۇ ئەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارلانمىغان بولۇپ،سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،بۇ قىزنىڭ تاغىسى ئۇلارغا دىلو مەلۇم قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا،ئادەتتە ئابرويى يۇقىرىراق بولغان دىنىي زاتلار سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولۇپ،ئۇلار قامچىلاش جازاسىنى بىر خىل ئەڭ ئۈنۈملۈك قاتتىق چارە دەپ قارايدۇ ھەمدە ئادەتتە ئىسلام قانۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەر 2080دەررە...
روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ توردا نامايىشچىلارنى ئەيىبلىشى غۇلغۇلا ق...
پاكىستان ئارمىيىسى ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلا...
ھىندىستاندىكى دوختۇرخانىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 93ئادەم ئۆلدى...
قىسقا يوپكا كىيىپ ھەربىي پاراتتىن ئۆتكەن ئايال ئەسكەرلەرنى ...
پاكىستانلىق ياش ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۇ...
ئامېرىكا ئارمىيەسى پاكىستاننىڭ شېماكسى ھاۋا ئارمىيەسى بازى...