تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە يەنە بىر-بىرىگە تەتۈر قاراشتى

0 2011-12-12 11:19:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ماڭغان ماۋى مارمارا كىمىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن تۈركىيە بىلەن ئىسرائىليەنىڭ مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن سۇغۇقلۇق ۋىنادا يەنە بىر قىتىم ئىپادىلەندى.
ئاۋىستىريە پايتەختى ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن 4. دۇنيا سىياسەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئىچىلىش سۆزۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل قىلدى.گۈلنىڭ قاتناشقان بۇ يىغىنىدا ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەردى.يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەممەيلەن گۈل بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Ehud Barak ئوتتۇرسىدا قارشىلىق يۈز بىرىشىنى پەرەز قىلىشقانتى.
چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە قاتناشمىدى،جۈمە نامىزىغا باردى:
ئاۋىستىرىيە زۇڭتۇڭى Heinz Fisher تەرىپىدىن 4.دۇنيا سىياسەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ھۆرمىتىگە تەييارلىغان چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلگەن ئابدۇللا گۈل چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە قاتناشمىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋىستىرىيە تۈرك ئىسلام بىرلىكى مەسچىتىگە بىرىپ تۈرك قىرىنداشلىرى بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇشنى تاللىدى.   
يىغىن ئىچىلىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە رەسىمىگە چۈشكەندە،ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىنىڭمۇ بارلىغىنى كۆرگەن ئابدۇللا گۈل رەسىمگە چۈشمىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى:
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە بىرلىكتە كەلگەن ھەيئەت ئەزالىرى يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا ئابدۇللا گۈل ئىچىلىش سۆزى قىلىشتىن بۇرۇن يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى.
ئاۋىستىرىيەدىكى يىغىننى تۈگەتكەن ئابدۇللا گۈل جۈمە كۈنى ئاخشىمى تۈركىيىگە قايتىپ كەلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博